باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توققۇز قان زەردىبى تىپلىق بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىسىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى تەستىقلاش شەرتى ھازىرلاندى

2018.05.02 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت دورا مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئوقۇشۇمچە: يېڭى دورىلارنى ئېمپورت قىلىشنى تىزىملاش جەريانىنى تېزلىتىش، جامائەتنىڭ دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا دۆلەت دورا مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان توققۇز قان زەردىبى تىپلىق ئادەم ئەمچەك توپچىسىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى(تۆۋندە HPV دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)نىڭ بازارغا سېلىنىش شەرتىنى ھازىرلىدى.

  دۆلەت دورا مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى توققۇز قان زەردىبى تىپلىق HPV ۋاكسىنىسىنى ئېمپورت قىلىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بۇنى ئالدىن تەكشۈرۈپ باھالاش تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، مەھسۇلاتنىڭ چېگرا سىرتىدىكى كېلىنكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا كارخانىلار بىلەن ئالاقىلەشتى ۋە پىكىرلەشتى ھەم بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تۆت قان زەردابى تىپلىق HPV ۋاكسىنىسىنىڭ تەستىقلىنىش سانلىق مەلۇماتى ئاساسىدا، چېگرا سىرتىدىكى كېلىنكىلىق تەجرىبە سانلىق مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىش شەرتىنى ھازىرلاپ، چېگرا سىرتىدىكى كېلىنكىلىق سانلىق مەلۇمات بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، مەھسۇلاتنى ئېمپورت قىلىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت دورا مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى كارخانىلاردىن خەۋپ خەتەرنى باشقۇرۇش- كونتىرول قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ، تەلەپ بويىچە بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنكى تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  HPV ۋاكسىنىسى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ چۈشەندۈرۈشىگە راك كېسىلىنى ماس كېلىدىغان كېسەللەر قاتارىغا كىرگۈزگەن ۋاكسىنا. دۆلىتىمىز تەستىقلىغان توققۇز قان زەردىبى تىپلىق HPV ۋاكسىنىسى 16 ياشتىن 26 ياشقىچە بولغان ئاياللارغا ماس كېلىدۇ، HPV دىن كېلىپ چىققان بالىياتقۇ بوينى راكى، تاشقى جىنسىي ئەزا راكى، جىنسىي يول راكى، مەقەت راكى، كۆپىيىش ئەزاسى سۆگىلى، داۋاملىق يۇقۇملىنىش، راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ياكى تىپىك بولمىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ قېتىم بازارغا سېلىنىشى تەستىقلانغان مەھسۇلات ياكى تۆت قان زەردىبى تىپلىق HPV ۋاكسىنىسىنىڭ ئاكتىپ تەركىبى ياكى ھەر قانداق قۇشۇمچە ماتېرىيال تەركىبى ئادەتتىن تاشقىرى سەزگۈر رىئاكسىيە قىلىدىغانلارنىڭ ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ؛ بۇ قېتىم تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىنغان مەھسۇلات ياكى تۆت قان زەردابى تىپلىق HPV ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن،سەزگۈر رىئاكسىيە قىلىدىغانلار بۇ مەھسۇلاتنى يەنە ئەملەتمەسلىك كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر