باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە-چاۋشيەن باشلىقلىرى «پانمۇنجوم خىتابنامىسى»نى ئىمزالاپ، يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىنى جەزملەشتۈردى

2018.04.28 16:23   مەنبە: خەلق تورى

كورېيە-چاۋشيەن باشلىقلىرى «پانمۇنجوم خىتابنامىسى»نى ئىمزالاپ، يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىنى جەزملەشتۈردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە زۇڭتۇڭى مون جىئىن بىلەن چاۋشيەن دۆلەت باشلىقى كىم جۇڭئىن 27-ئاپرېل پانمۇنجومدا سۆھبەت ئۈتكۈزدى ھەمدە «پانمۇنجوم خىتابنامىسى»نى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇش توختىتىش مېخانىزمىنى تىنچلىق مېخانىزمىغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  سىئۇل ۋاقتى سائەت 18 (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17) ئەتراپىدا، پانمۇنجومدىكى كورېيە تەرەپ «تىنچلىق ئائىلىسى»دە، مون جىئىن بىلەن كىم جۇڭئىن سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ۋە بىرلىككە كېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى پانمۇنجوم خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى. ئىككىسى ئىمزا قويۇش ئۈستىلى ئالدىدا تەبەسسۇم بىلەن قۇچاقلىشىپ غەلىبىنى تەبرىكلىدى، «تىنچلىق ئائىلىسى» ئىچىدە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  مون جىئىن: «يېرىم ئارالدا ئەمدى ئۇرۇش بولمايدۇ، يېڭى تىنچلىق سەھىپىسى ئېچىلدى»، دېدى. كىم جۇڭئىن: پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئۇرۇش بولمىغان زېمىندا «بەختلىك، گۈللەنگەن يېڭى دەۋر»گە قەدەم قويۇشى ئۈچۈن، ئۆزى ۋە مون جىئىننىڭ «تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى» بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «خىتابنامە»دە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ئورتاق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىككى تەرەپ، بۇ يىل ئىچىدە چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تىنچلىق بىتىمىگە ئالماشتۇرۇش، مەڭگۈلۈك مۇستەھكەم تىنچلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، كورېيە-چاۋشيەن-ئامېرىكا ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىنى ياكى كورېيە-چاۋشيەن- ئامېرىكا-جۇڭگو تۆت تەرەپ سۆھبىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  «خىتابنامە»دە، كورېيە-چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ «دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتى»نى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، كائىسۇڭدا جەنۇب-شىمال ئورتاق ئالاقە ئورنى تەسىس قىلىش، ئايرىلىپ كەتكەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى كۆرۈشتۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ۋەدە بېرىلدى. ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق، مون جىئىن بۇ يىل كۈزدە چاۋشيەننى زىيارەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كىم جۇڭئىن پانمۇنجومدا ھەربىي چېگرا ھالقىپ، مون جىئىن بىلەن كۆرۈشۈپ، چاۋشيەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كورېيە زېمىنىغا قەدەم باسقان چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى بولۇپ قالدى. بىر كۈن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كۆچەت تىكىپ خاتىرە قالدۇردى ھەمدە بىللە كەچلىك تاماق يەپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈستىدە پاراڭلاشتى.

  بۇ، چاۋشيەن بىلەن كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق باشلىقلار سۆھبىتى بولۇپ قالدى. 2000- يىلى، كورېيە زۇڭتۇڭى كىم دايجۇڭ چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇپ، چاۋشەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېل بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپ، «شىمال-جەنۇب ئورتاق خىتابنامىسى» ئىمزالىغان ئىدى. 2007- يىلى، كورېيە زۇڭتۇڭى رو موخيۇن چاۋشيەننى زىيارەت قىلىپ، كىم جۇڭئېل بىلەن «شىمال-جەنۇپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تىنچ گۈللىنىش خىتابنامىسى»نى ئىمزالىغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…