خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنىڭ ۋۇخەنگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، زۇڭلى ئەپەندى بىلەن ئۆزئارا زىيارەتتە بولدۇق ھەم كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ناھايىتى نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو-ھىندىستان دوستلۇقىنىڭ ئىجابىي سىگنالىنى سىرتقا يەتكۈزۈپ، جۇڭگو-ھىندىستاندىن ئىبارەت يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنى، تەڭ تەرەققىي قىلىش كۈچلۈك ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. بىز ئىككى چوڭ ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرساق دۇنياۋى تەسىر قوزغىيالايمىز. زۇڭلى مودى ئەپەندى بىلەن بۇ يەردە ئۇچرىشىشىمىزنىڭ جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىنى ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋە گانگې دەرياسىدەك توختىماي ئۆركەشلەپ مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ھىندىستان بىلەن تېخىمۇ يېقىن تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرىشى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى