باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان يېتىشىدىن ئەنسىرەپ، تۈركىيەگە F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى بېرىشكە قوشۇلمىدى

2018.04.28 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈچ نەپەر ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى 26-ئاپرىل بىر پارچە تەكلىپ سۇنۇپ، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە F-35 تىپلىق بىرلەشمە كۈرەشچى ئايروپىلاننى تاپشۇرۇپ بېرىشى ۋە ئالاقىدار تېخنىكىلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى توسۇماقچى بولدى.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى جامېس لەنكىفورد، توم تېللىس ۋە دېموكراتلار پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى جېننى شاھىن 26-ئاپرىل بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ «قاراملىق بىلەن ئىدارە قىلىش يولى»نى تەنقىد قىلدى، تۈركىيەگە F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ ئامېرىكا مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىدىن ئەنسىرىدى.

  ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشىگە ياردەم بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋىتى يامانلاشتى، تۈركىيە كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قارايدۇ.

  لەنكفورد مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيە قارارى بارغانسىرى چەتنىگىلى تۇردى، بەزىدە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن توقۇنۇشتى. بۇ ئامىللار ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە F-35 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ نازۇك تېخنىكىلىرى ۋە ئىلغار ئىقتىدارلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.»

  تۈركىيەدە 2016-يىلى 7-ئايدا سىياسىي ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىپ ئەمەلگە ئاشمىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاشلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولغان ئامېرىكا ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەن. تۈركىيە ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن دىنىي زات فەتھۇللا گۈلەننى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى دەپ قاراپ، ئامېرىكىدىن ئۇنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن تەلىپى ئەمەلگە ئاشمىغان. تۈركىيە تەرەپ 2016-يىلى 10-ئايدا ئامېرىكىلىق پوپ ئاندىرۇ بۇلىنسىننى قولغا ئالغان ۋە ئۇنى گۈلەننىڭ قوللىغۇچىسى دەپ قارىغان.

  بۇ ئۈچ نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تۈركىيە تەرەپنى قانۇنسىز ھالدا ئامېرىكا پۇقراسىنى قولغا ئالغان دەپ ئەيىبلىدى. شاھىن باياناتىدا مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ئەردوغان بىگۇناھ ئامېرىكا پۇقرالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى قاماپ قويۇش ئارقىلىق ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلەتكەن. بۇ خىل ئۇسۇل چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىلگەنلىك ھەم قانۇنسىزلىق.

  تۈركىيە ئامېرىكىدىن 100 دىن ئوشۇق F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالماقچى بولغان، ئەسلىي پىلاندا بۇ يىلنىڭ ئىچىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئايروپىلانلارنى تاپشۇرۇۋالماقچى بولغان ئىدى. تۈركىيە ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق كۆپلىگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان تەتقىقاتىغا قاتناشقان، كۆپلىگەن تۈركىيە كارخانىلىرى بۇ تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ زاپچاسلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.

  سۇنۇلغان بۇ تەكلىپتە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە تەرەپكە F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى چەكلەش، تۈركىيە تەرەپكە بۇ خىل كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئاسراش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەمىنلەپ بېرىشنى چەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لېكىن، تەكلىپتە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيە تەرەپنىڭ تۇتقۇن قىلىۋالغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھدىسىنى بۇزمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن شەرت ئاستىدا، ئامېرىكا تەرەپ تۈركىيە تەرەپكە F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.

  تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ تەكلىپكە قارىتا تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر