باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك

2018.04.28 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ تۇنجى قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى قاتتىق چىڭىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، دۆلەت كومىسسارى ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت كومىسسارى شياۋ جيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، چىرىكلىشىشنى توسۇشقا كۈچەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق چىرىكلىككە مەنبەدىن قارشى تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشىنى تىرىشىپ ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. لېكىن بەزى نۇقتىلىق ساھەلەردە چىرىكلىك مەسىلىسى پات-پات يۈز بېرىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىللار بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، چىرىكلىك پەيدا بولۇشنىڭ يىلتىزى تۈپتىن تۈگىمىدى، بۇنىڭغا قارىتا يەنە سەگەك تۇرۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر