باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى جەنشۇ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2018.04.28 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 27-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇلىدىغان تۈرلۈك ئىشلار تاماملانغاندىن كېيىن لى جەنشۇ سۆز قىلدى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈۋرۈكى، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق تارىخىي ئەسلىمىسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنىنى تەييارلاپ، قاراپ چىقتى ۋە تۈزدى. جايلار، تارماقلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ قانۇننى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىغا، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇن چىقىرىش بىلەن ئىسلاھاتنى جىپسىلاشتۇرۇپ ۋە بىردەكلەشتۈرۈپ، زور ئىسلاھاتلاردا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىسلاھاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا قانۇن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش __ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى. بۇ نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ئىسلاھاتقا ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشى، ئىسلاھاتنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئىسلاھات داۋامىدا مۇكەممەللىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر