- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يېقىن دېڭىز قىرغىقىدا بولىدىغان چوڭ كىتلار توپى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا تۇنجى قېتىم بېيخەيدە بايقالدى
2018.05.02 14:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا بېيخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق، ھەمدە مەملىكەت ئىچىدىن كەلگەن ئىككى گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشى نەتىجىسىدە، گۇاڭشى بېيخەي ۋېيجۇ ئارىلىدىكى دېڭىز رايونىدا يېقىندا پەيدا بولغان كىتلار توپىنىڭ، يېقىن دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىدا بولىدىغان چوڭ كىتلار توپى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بايقىلىشى ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن.
بۇ يىل 3- ئايدىن بۇيان، گۇاڭشى بېيخەي ۋېيجۇ ئارىلىدىكى ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەر بۇ دېڭىز رايونىدا كۆپ قېتىم كىتلارنىڭ ھەرىكەت قىلغان بېشارىتىنى بايقىغان. ئىلمىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ كىتلار تۈرى بولسا، برۇتسېللا كىتلىرى ئىكەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ برۇتسېللا كىتلىرىنىڭ تۈرىنى كەنجى تۈردىكى كىچىك برۇتسېللا كىتلىرى دەپ قارىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر