- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى «پارتىيە ۋەكىللىرى كارىدورى»نىڭ بىرىنچى مەيدان زىيارەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
2017.10.17 15:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قۇرۇلتاي مەزگىلىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلار بويىچە، 10- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 7:30دىن 8:45كىچە، خەلق سارىيىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى مەركىزىي زالنىڭ شىمالىي تەرىپىدە «پارتىيە ۋەكىللىرى كارىدورى»نىڭ بىرىنچى مەيدان زىيارەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقى بېكىتىلدى.
زىيارەتكە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان ۋە جەزىملەشتۈرۈلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھەرقايسى مۇخبىرلار، دىققەت! سىلەر 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن بۇرۇن دۆلەت ئىچىدىكى مۇخبىرلار "دۆلەت ئىچىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئورنى"غا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەندىن كەلگەن مۇخبىرلار "شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەندىن كەلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئورنى"غا، چەتئەللىك مۇخبىرلار "چەتئەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئورنى"غا بېرىپ، تەكلىپنامىلەرنى ئېلىۋېلىڭلار. 10- ئاينىڭ 18- كۈنى يېنىڭلاردىكى "يىغىندا زىيارەت قىلىش كىنىشكىسى" ۋە تەكلىپنامىلەر ئارقىلىق، يىغىنغا كىرىشتىن 60 مىنۇت بۇرۇن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكىدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ مەيدانغا كىرىڭلار. سىلەر ھەيدەپ كەلگەن ئاپتوموبىللار زىيارەت قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا بېرىلگەن "ئاپتوموبىل توختىتىش كىنىشكىسى" بويىچە، تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى بەلگىلەنگەن رايوندا توختىتىلىشى كېرەك. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدۇ؛ ئاخبارات مەركىزى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش جامائەت سىگنالى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى نەق مەيدانغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ. يان تېلېفوننىڭ ئۆز تارتىم تايىقىنى يىغىن مەيدانىغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ.
دۆلەت ئىچى مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىش گۇرۇپپىسى
تېلېفون: 68521200,68521300
فاكس: 68521400,68521600
شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەندىن كەلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش گۇرۇپپىسى
تېلېفون: 68520200,68520300
فاكس: 68520500,68520600
چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىش گۇرۇپپىسى
تېلېفون: 68576100,68576200,68576300
فاكس: 68576400,68576500,68574200
19- قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى
2017- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر