باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى 27 دۆلەتنىڭ مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەسئۇللىرى جۇڭگودا ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى

2017.10.17 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئۆكتەبىر ئىگىلىنىشىچە، ج ك پ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى 27 دۆلەتتىن كەلگەن 32 مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، 19-قۇرۇلتاينى خەۋەر قىلىشقا قاتنىشىش ۋە تەشكىللەش بىلەن بىللە، «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇخبىرلار تەشكىلاتى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.

  بۇ مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم-ئايرىم پاكىستان، تايلاند، بىرما، قازاقىستان، ئۇكرائىنا، بۇلغارىيە، بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن بولۇپ، جۇڭگودىكى مەزگىلدە، ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنى زىيارەت قىلىش بىلەن بىللە، يەنە بىر قاتار زىيارەت- ئېكسكۇرسىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىنجىلىرىنىمۇ چۈشىنىپ چىقىدىكەن.

  16-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، بۇ مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى 19- قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى ئۆتكۈزگەن «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇخبىرلار تەشكىلاتى مۇنبىرىگە قاتنىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇخبىرلار تەشكىلاتى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇھاكىمە قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان خادىملار «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئاخبارات مۇخبىرلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

  19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن 1800دىن ئارتۇق مۇخبىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنى زىيارەت قىلىشقا تىزىملاتقان، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ مۇخبىرلىرى بەس-بەستە تىزىملاتقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر