- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 49 ى ئۇقتۇرۇلدى
2017.09.27 15:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈنۈگۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدىكى «تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس ئىستونى»دا مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 49 ى ئۇقتۇرۇلدى. بۇ مۇشۇ ئىستوندا ھەر ھەپتىدە ئۇقتۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى 2-قېتىملىق مەركەزلىك ئۇقتۇرۇش.
بۇ 49 مەسىلە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە توققۇزى بايرام مەزگىلىدە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تولۇقلىما تارقىتىش، خىزمەت خىراجىتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغات بۇيۇمى ۋە پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە «تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل» مەسىلىسى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چۆچۈتۈش رولىنى ئوينايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر