باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ چەتئەللەردىكى خەتەرلىك جايلارغا ۋاقتىنچە بارماسلىقىنى ئەسكەرتتى

2017.09.27 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە چەتئەللەردىكى ئالاقىدار كونسۇلخانىلار جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ لىۋىيە، سۇرىيە، ئىراق، يەمەن، مىسىر ھەمدە سىناي يېرىم ئارىلى، ئافغانىستاننىڭ قىسمەن ئۆلكىلىرى، نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۈچ ئىشتات، مالىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايونلارغا ۋاقتىنچە بارماسلىقنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتتى.

  نۆۋەتتە، ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، پارتلىتىش، تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ئىشلار پات-پات يۈز بېرىپ تۇرماقتا، جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىنى ۋاقتىنچە تاقىدى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل مەھكىمىسى جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلاردىكى بىخەتەرلىك خەتىرى ۋە يوشۇرۇن خەتەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىشى، شۇ جايلاردىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بالدۇرراق چېكىنىپ چىقىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. ناۋادا جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ئەسكەرتىش چىقىرىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا بېرىشنى ۋاقتىنچە توختاتمىغانلار بولسا، بۇ شۇ كىشىنى ئىنتايىن خەتەرگە دۇچار قىلىشى ھەمدە شۇلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر