باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.09.27 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»نىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  دۆلەت باغچىسى ـــ دۆلەتنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ۋە دۆلەت باش بولۇپ باشقۇرىدىغان، چېگراسى ئېنىق، دۆلەتنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە كەڭ كۆلەمدىكى تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان، تەبىئىي بايلىقنى ئىلمىي قوغداپ، مۇۋاپىق پايدىلىنىدىغان ئالاھىدە قۇرۇقلۇق ياكى دېڭىز-ئوكيان رايونىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى ئورنىتىش ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسى، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، تەبىئىي بايلىقنى ئىلمىي قوغداش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىغا تۈرتكە بولۇش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىگەن ئاساستا، خەلقئارانىڭ پايدىلىق ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، مەۋقەنى ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، تۆۋەندىكى لايىھە تۈزۈپ چىقىلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  1. يېتەكچى ئىدىيە

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى ۋە تۈزۈمىدە تەۋرەنمەي، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق قوغداپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تەبىئىيلىكى، مۇكەممەللىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىگىدارچىلىق قىلىش، خەلق ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك جۇڭگوچە دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ، ئىلمىي تۈرگە ئايرىپ، كۈچلۈك قوغدايدىغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يەرلىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق گېزىتى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر