باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمىن تاپقۇزۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا ئون مىليوندىن ئارتۇق ئادەمگە نەپ يەتكۈزۈلدى

2017.09.27 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمىن تاپقۇزۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، يېزا ئەمىن ئۆيىدىن جەمئىي بىر مىليون 500 مىڭ يۈرۈش سېلىپ، ئالتە مىليونغا يېقىن دېھقان چارۋىچىنى يېڭى ئۆيگە ئىگە قىلدى؛ 929 مىڭ 700 يۈرۈش كەپە ئۆينى ئۆزگەرتىپ، كەپىلىك مەھەللىلەردىكى ئىككى مىليون 300 مىڭ ئاھالىنى يېڭى تۇرالغۇغا كۆچۈردى؛ ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيدىن 820 مىڭ 500 يۈرۈش سېلىپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان، سىرتتىن ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەن ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. جەمئىي ئۈچ مىليون يۈرۈشتىن كۆپرەك ئەمىن ئۆي ئون مىليوندىن كۆپرەك كىشىنى خەتەرلىك، كونا، توپا ئۆيلەر ۋە كەپىلىك مەھەللىلەر بىلەن خوشلىشىپ، يورۇق، ئازادە ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يېزا ئاممىسى بىخەتەر، ئازادە ئۆيلەرگە ئېرىشىپلا قالماستىن، «ئۆزلىرى ئىشلەش، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش، جەمئىيەت يۆلەش، كارخانىلار ياردەم بېرىش» قاتارلىق تېخىمۇ جانلىق ئۆي سېلىش ئۇسۇللىرى ۋە سىياسەت تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ئارخىپقا ئېلىنغان نامرات ئائىلىلەر قاتارلىق تۆت تۈردىكى نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنىڭ «ئاز پۇل چىقىرىپ، بولسا پۇل چىقارماي» يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى؛ سېلىپ بېرىش ئارقىلىق تەربىيەلەش، سېلىپ بېرىش ئارقىلىق چېنىقتۇرۇش، تەربىيەلەش قوشۇلغان يۆتكەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئۆي سېلىش ماھارىتى ھەقىقىي ئۆستۈرۈلۈپ، ئۆز يېرى ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر