باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ئۈچۈن-مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلىرىمىزنى ئىشنىڭ بېشىدىلا ئۇتتۇرغۇزۇپ قويمايلى

2017.09.27 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داۋالاش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش-نامراتلارنى دەل يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئاممىنى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى تۈپتىن ھەل قىلىش چارىسىگە ئايلاندۇرۇپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى تۈگىتىش كېرەك دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ خىزمەت تەكشۈرگەن ئەنخۇي ئۆلكىسى جىنجەي ناھىيەسى داۋەن كەنتى، خېبېي ئۆلكىسى فۇپىڭ ناھىيەسى لوتوۋەن كەنتى، گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا ناھىيەسى بۇلېڭگۇ كەنتى قاتارلىق جايلاردىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش، بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئىشلىرى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولدى، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي قىياپىتى ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش جاسارىتى تېخىمۇ ئاشتى. ئەمدى «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ئۈچۈن» دېگەن يۈرۈشلۈك خەۋەرنىڭ «مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلىرىمىزنى ئىشنىڭ بېشىدىلا ئۇتتۇرغۇزۇپ قويمايلى» دېگەن قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر 24-ئاپرېل ئەنخۇي ئۆلكىسى جىنجەي ناھىيەسى داۋەن كەنتىدىكى نامرات ئائىلە بولغان 68 ياشلىق ۋاڭ نېڭباۋنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ ھەمرىيىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى. شۇ چاغدىكى مەنزىرە ۋاڭ نېڭباۋنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، ئۇ ئەينى چاغدا رەئىس شى جىنپىڭ ئەھۋالىمىزنى خېلى تەپسىلىي سورىدى، مېنىڭ سالامەتلىكىم ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىمنى سۈرۈشتۈردى، ئايالىمدا يۇقىرى قان بېسىم بار ئىدى، مەن ئۆپكە گازلىق ئىششىقى بولۇپ قالغان ئىدىم دېدى.

  شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلىقى، ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ بىر يىلدا دورا ئۈچۈن بەش، ئالتە مىڭ يۈەن خەجلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، مېيىپلىق سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسى يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىدا، ئۈزۈل-كېسىل تەدبىرلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ يۆلەش كېرەك. شۇنىڭدىن ئۈچ ئاي كېيىن، ئەنخۇي ئۆلكىسى نامرات نوپۇسلارغا قارىتىلغان «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش، بىرنى ھەل قىلىش، بىرنى تولۇقلاش» ئۇنىۋېرسال داۋالاش كاپالىتىنىڭ يېڭى سىستېمىسىنى ئورناتتى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا، ۋاڭ نېڭباۋنىڭ ئاشقازان راكى بولغانلىقى ئېنىقلاندى، ئۇنى داۋالىتىشقا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۈز مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل كەتتى، ئەمما سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن ئۇ يېنىدىن ئون مىڭ يۈەنلا چىقاردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىزمەت تەكشۈرگەن خېبېي ئۆلكىسى فۇپىڭ ناھىيەسى لۇڭچۈەنگۈەن بازىرى لوتوۋەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى تاڭ روڭبىن كۆپ يىللاردىن بۇيان غەم قىلىپ كەلگەن داۋالىنىش، دورا ھەققى مەسىلىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ كەلگىنى ماڭا زور ئىلھام بولدى، نېمىشقا؟ چۈنكى مەندە مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش، يۈرەك كېسىلى بار ئىدى، سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس ئىدى، مەن بۇرۇن ئاغرىپ قالسام، 30، 40 مىڭ يۈەن كېتەتتى، بۇنداق ياشىغاندىن ياشىمىغىنىم ياخشى دەپ ئويلايتتىم، باش شۇجى كەلگەندىن كېيىن يەنىلا ياشىغىنىم ياخشى ئىكەن دەپ ئويلىدىم. ئەمدى مەندە ھاياتقا تېخىمۇ زور ئۈمىد تۇغۇلدى.

  فۇپىڭ ناھىيەسى 2015-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان ئېغىر كېسىلى بار بىمارلار ۋە ئالاھىدە سوزۇلما كېسىلى بار بىمارلارغا قايتا تولۇقلىما بېرىشنى ئىلگىرى-كېيىن سىناق قىلدى ھەم يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان 60 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ناھىيە تەۋەسىدىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالانغاندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن داۋالىنىش راسخوتىغا %100 تولۇقلىما بەردى.

  شى جىنپىڭ داۋالىنىشتىن باشقا يەنە مائارىپ مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا دۇڭشياڭ ئاپتونوم ناھىيەسى بۇلېڭگۇ كەنتىدىكى ئىچىملىك سۇنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تاماملاندى، تۇنجى تاشيولمۇ ياسىلىۋاتىدۇ. يول بويىغا يەنە ئالتە يىللىق تۈزۈمدىكى يىپېڭى باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىندى. مەكتەپتىن بالىلارنىڭ مەيداندا ئوينىغان ئاۋازلىرى ۋە مۇزىكا دەرسىدە ئوقۇغان ناخشىلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى جاڭ شۆخۇ مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتىمىزدىكى بالىلارنىڭ 14 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى داۋان بازىرىغا بېرىپ ئوقۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى، ئۇلار يېڭى سىنىپ، مەيدانغا ئىگە بولدى، يەنە كومپىيۇتېرمۇ بار. 2013-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ كەلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى بۇ يەرگە يۆتكىلىپ كەلدى، ھازىر ئالتە ئوقۇتقۇچى، ئالتە سىنىپ بار، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىز بۇرۇنقىدىن ياشلاشتى. بۇرۇن قىزلار ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە ئاتا-ئانىلىرى ئوقۇتمايتتى، ئەمما ھازىر بۇنداق ئىشلار قالمىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئاممىنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش، ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش، خەيرى-ساخاۋەت ياردىمى بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇنىڭدا مائارىپ ئىشلىرىمىز بەك مۇھىم. بالىلىرىمىزنى ئىشنىڭ بېشىدىلا ئۇتتۇرغۇزۇپ قويماسلىقىمىز، ئۇلارغا باشتىن تارتىپ ناھايىتى ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم. مائارىپ يېتىشىپ ماڭالمىسا، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كەينىدە قالىمىز، بىرەر ياخشى ماھارەت ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر