باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك

2017.09.11 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىپ، 1-يۈز يىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، «ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق دېدى: ھالقىلىق مەزگىلدە، ھالقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ھالقىلىق پەيتتە ھالقىلىق ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش روھى، ئەمەلىي ھەرىكەت، ئەمەلىي ئۈنۈم بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئېغىر خەتەرلەردىن ساقلىنىش ۋە ئازايتىش، نامراتلىقتىن دەل قۇتقۇزۇش، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش ۋە تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى خەلقنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشتۈرۈپ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. يۈز يىللىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، مىنۇت-سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەسلىككە توغرا كېلىدۇ. جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما يۈكسەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئىسلاھات تەپەككۇرى، ئىلمىي ئۇسۇل، پۇختا ئىستىل بىلەن ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا سوۋغا قىلىپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: خەتەر بىلەن مۇسابىقىلىشىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، خەتەرنى باھالاش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش، تىزگىنلەشنى باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پۇل مۇئامىلە خەتىرىدىن ھەقىقىي ساقلىنىش ۋە ئۇنى ئازايتىش كېرەك. بىز نىڭشيادىكى قانۇنسىز جۇغلاش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش، ئاگاھلاندۇرۇش سەھنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئىنتېرنېت، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە بۇلۇت سۇپىسى تېخنىكىسى ئارقىلىق، چېتىشلىق كارخانا ۋە شەخسلەرنى ئەمەلىي ھالەت جەھەتتىن تەكشۈرۈش، خەتەرنى تەھلىل قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇپ ھەر تەرەپلىمە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بىلەن بالدۇر تۇتۇش قىلىپ ئازايتىش، باش كۆتۈرۈشى بىلەنلا بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

  2020-يىلىغىچە بارلىق نامرات جايلار ۋە نامرات نوپۇسنىڭ تەڭلا ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش-پارتىيەمىز بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدە. نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش-قانچە ئاخىرىغا بارغانسېرى شۇنچە تەسلىشىدۇ، شۇڭا يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكەش روھىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش لازىم. نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەندە، سەنشىدىن ئىبارەت بۇ قىزىل زېمىنغا يۈز كەلگىلى بولمايدۇ. سەنشى ئۆلكىسى ئەڭ نامرات جايلار، ئەڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردىن تۇتۇش قىلىپ، ئالدىن تەسلىرىنى، ئارقىدىن ئاسانلىرىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە تەدبىرلەر بىلەن ئېغىر نامراتلىقنى ھەل قىلماقتا. گۈيجۇ ئۆلكىسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كەسىپ جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئۆيگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت تۆت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سىگنالىنى چېلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تۈرلىرى، ھەممە ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ يوللىرىنى تېرىشىپ ئاچماقتا.

  بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش ۋە تۈزەش-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم ھەم قىيىن نۇقتىلىق مەسىلە شۇنداقلا چوقۇم ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئۆتكەل. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك مۇھىت ئاسراش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىرى لەي خې مۇنداق دېدى: بىز مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى تەكشۈرۈشتىكى قايتما ئىنكاس پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، مۇھىتنى تۈزەشنىڭ بەش چوڭ ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇۋاتىمىز.

  بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ لىيۈن مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىشنىڭ ئۆزى بۇلغىنىشنى تىزگىنلەشتۇر، بىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، داشىڭنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا يېتەكلەۋاتىمىز. نۆۋەتتە، داشىڭ رايونى «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ھەرىكىتى پىلانى»نى يولغا قويۇۋاتىدۇ، بۇ پىلاندا، ئۈچ يىل سەرپ قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى، بايلىق سېلىنمىسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنى خەلقئارا بىلەن ئوخشاش تۈردىكى باغچە رايونلىرىنىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشكە تېرىشىمىز، داشىڭ رايونىدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يېشىل تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى ئايرودۇرۇم ھەم لىنكوڭ ئىقتىساد رايونى پىلان قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پايتەختنىڭ جەنۇبىنى تەرەققىياتتىكى يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكۈزۈشى كېرەك.

  شەنشى ئۆلكىسى شىچۈەن ناھىيەسى راۋفېڭ بازىرى شىنخۇا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى ۋۇلۇڭ مۇنداق دېدى: جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرا لىنىيەسىدىكى مۇھىم سۇ ساقلاش رايونى بولغان شىنخۇا كەنتى ئۈجمە ئۆستۈرۈپ پىلە بېقىش ئارقىلىق، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، كەنتلەرنى كۆكەرتىپ، دەريانى پاكىزلاپ، پۇقرالارنى بېيىتتى. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار-قىممەتلىك بايلىق دېگەن تەرەققىيات قارىشى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، بىز ئېكولوگىيە يولىدا قەتئىي مېڭىپ، بېيجىڭغا پاكىز، سۈزۈك سۇ يەتكۈزۈپ، بۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى ياخشى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، كادىرلار ۋە ئامما مىنۇت-سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر