باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورتى ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشتى

2017.08.07 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ سودا مىنىستىرلىقىدىن ئوقۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورتى ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشقان، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 287 مىليارد 140 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.9 ئاشقان. 6-ئايدىكى مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %29.7 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبىتىدە 18 ئايدىن بۇيانقى يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئېكسپورتى 695 مىليارد 90 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشقان، ئىمپورت 1 تىرىليون 592 مىليارد 50 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %16.5 ئاشقان؛ پاسسىپ بالانس 896 مىليارد 960 مىليون يۈەن بولۇپ، %26.6 ئاشقان.

  سودا مىنىستىرلىقى مۇلازىمەت سودىسى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى: مۇلازىمەت ئىمپورتىنىڭ كۆپىيىشى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر