باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدە ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2017.08.07 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان ئارىلىق باھاسى 4-ئاۋغۇست 1:6.72 دىن ئېشىپ، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى جەمئىي %3.4 ئاشتى. تەھلىلچىلەر: نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بۇ خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا پايدىلىق، دەپ قارىدى.

  بازار تەھلىلچىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: خەلق پۇلىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە كۈچلۈك بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب-ئامېرىكا دوللىرى ئاجىزلىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىيسىدىكى داۋالغۇشنىڭ قوش زەربىسىدە، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى يىل ئىچىدە %10 كە يېقىن تۆۋەنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق پۇلىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئامېرىكا دوللىرىدىن باشقا پۇللار ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىدى.

  يەنە بىرى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا پايدىلىق. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشتى. ئەڭ يېڭى سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچىدە بىر قەدەر مۇقىم، ساغلام ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېھتىياج ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى كۆرۈلدى. دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ چۈنيىڭ خەلق پۇلىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: يېقىنقى مەزگىلدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بازارنى جانلاندۇرۇش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىدىكى قوش داۋالغۇش كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىدىكى ئارىلىق باھانى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، تەتۈر دەۋرىي تەڭشەش ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلدى.

  كەسىپ ئەھلىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: كېيىنكى باسقۇچتا، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ يەنىمۇ چۈشۈش بوشلۇقى چەكلىك، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشىمۇ خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىدە ھازىرقى تەڭپۇڭ، مۇۋاپىق سەۋىيە ساقلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.

  ۋاڭ چۈنيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە ئېلىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان مەبلەغنىڭ يۆتكىلىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ئاساسىي تېخىمۇ پۇختا بولىدۇ. دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىمۇ داۋاملىق ياخشىلىنىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى مۇقىم ئۆسىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرى تېخىمۇ مۆتىدىل بولىدۇ. شۇڭا، كەلگۈسىدە ئېلىمىزدە چېگرا ھالقىغان مەبلەغنىڭ يۆتكىلىشى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا مۇقىم بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر