باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە بىر بەلباغ، بىر يول كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىدۇ

2017.08.07 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئۇقۇشىچە، 14-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى 9-ئايدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 124 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بىر بەلباغ، بىر يول كۆرگەزمە رايونى بىلەن ئىلغار ئەقلىي ياسىمىچىلىق كۆرگەزمە رايونى تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنىپ، كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدىكەن.

  جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ دۆلەت ئىچى كۆرگەزمە كۆلىمى 89 مىڭ كىۋادرات مېتىر، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەت ھەم رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 35 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر بەلباغ، بىر يول كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى 4400 كىۋادرات مېتىر بولۇشى مۇمكىن، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، كورېيە، قازاقىستان، سىرىلانكا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.

  ئىلغار ئەقلىي ياسىمىچىلىق رايونىدا، «سىپىرلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش» ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئەقلىي ماشىنا ئادەم، 3D پىرىنتېرى، ھاۋا رايى ئۈسكۈنىسى ھەم مۇلازىمەت سىستېمىسى، ئەقلىي ئۈسكۈنە، ئەسۋابلار قاتارلىق ئېلېكتىرون ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئەسلىھەلىرى شۇنداقلا ئېنېرگىيە، سۇ تېجەش، پاكىز ئېنېرگىيە، ئېنېرگىيەدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش، ئېنېرگىيە تېجەشنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش تېخنىكا-ئەسلىھەلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر