باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالايلى

−نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا (2)

2017.07.17 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، بولۇپمۇ سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، شۇنداقلا پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى. نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇمىيىتىنى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇقىم، ساغلام ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى سىجىل، ساغلام تەرەققىياتقا پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىڭ تۇتقاچقا، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمەن سىلىق، مۇقىم بولۇپ، خەۋپ-خەتىرى ئاساسەن تىزگىنلەندى. لېكىن يەنە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئامىلىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىدە، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى نۇرغۇن خەۋپ ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە ئالدىنقى قېتىملىق كېڭىيىش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى «ئېنىقلاش» مەزگىلىگە قەدەم قويدى؛ ئەمەلىي ئىقتىسادتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئىككىسىنىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماي، قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىنىشكە باشلىدى؛ بەزى بازار سۇبيېكىتلىرىنىڭ ھەرىكىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئەخلاق خەۋپ-خەتىرى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، شۇنداقلا پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمى تېخىچە بۇنىڭغا ئۇيغۇنلىشالمىدى. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى تەسىرىنىڭ كېڭىيىشتەك ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدىكى دەۋرىيلىك، قۇرۇلمىلىق ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ، بىزگە كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، «سۇ كەلگىچە توغان تۇتۇش»، ئالدىن تەدبىر قوللىنىشنى ئەسكەرتتى.

  پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە بەك مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، يەنە خەۋپ-خەتەر ئاسان يۈز بېرىدۇ. پۇل مۇئامىلە زەنجىرى ئۇزىراپ، بازار ئۇچۇرى ماس كەلمەي، قىممەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى ئەگرى-توقايلىشىپ، ئاسانلا تاشقى ئامىللارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرايدۇ، ئىقتىسادنىڭ دەۋرىيلىك داۋالغۇشىغا ۋە ئىجتىمائىي كۆزلىمىنىڭ تېز ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئېنىقسىز شارائىتقا دۇچ كەلگەندە، مەنپەئەتنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى تېز ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ تۈرى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، يوشۇرۇن ھەم تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان بولۇپ، تارقىلىش خاراكتېرى ۋە زىيىنى كۈچلۈك، شۇڭا ئۇنىڭدىن بەك ئېھتىيات قىلىش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش كېرەك. «قارا ئاققۇ» خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە «كۈلرەڭ كەركىدان» خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرلەرنى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىش، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماسلىق كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر