باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرەيلى

__ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا

2017.06.16 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك ھالدا دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇزۇپ، ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.»

  تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئاساس تۇتۇلسا باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلىدۇ» دېگەن پاراسەت بىلەن ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، «ئاتقان ئوقنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ» دېگەن نىيەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، «تاغدا يولۋاس بارلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە تاغقا چىقىمىز» دېگەن غەيرەت بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىشلارنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى باشلاپ پارتىيە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا سىياسىي مەيدانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسلىق كەسىپكە مەركەزلىشىش ئاساسىدا فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئىگىلەپ، نازارەت قىلىشقا ياردەملىشىش جەريانىدا تەشەببۇسكارلىق ئىش قىلىشى كېرەك... پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر