باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىدى

2017.06.13 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرەككە نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاش كەسپى بويىچە تەربىيەلەش تۈرىنى باشلاش مۇراسىمى ۋە 2017 ئاسىيا- تىنچ ئوكيان Insight تەرببيىلەش كۇرسى يېقىندا ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئون چەت ئەللىك دوختۇر كۇرسانت ۋە يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى دېگەندەك دوختۇر- سېسترالاردىن 200دىن ئارتۇق كىشى مەزكۇر تۈرنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى .

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرەككە نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاش كەسپى بويىچە تەربىيەلەش تۈرى، جۇڭگو ۋىراچ جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىق ئىتتىپاقى تەرىپىدىن 2016- يىلى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ تۈر ئەسلىدە «’بىر بەلباغ، بىر يول‘ سەھىيە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈچ يىللىق يولغا قويۇش لايىھەسى»گە كىرگۈزۈلگەن. بۇ قېتىمقى بۇ كۇرستا يۈرەك قان تومۇرغا نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاش كەسپى بويىچە تەربىيەلەشنى تۇتقا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى پۇختىلاش مەقسەت قىلىنغان. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش يۈرەك قان تومۇردا نەيچە كىرگۈزۈش ساھەسىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر ھەپتىدىن يېرىم يىلغىچە تەربىيەلەش ئۆگىنىشىنى قانات يايدۇرىدىكەن. مەزكۇر كۇرسنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: يۈرەك قان تومۇرنى يېرىپ داۋلاش، پاتولوگىيە-فىزىيولوگىيە، فارماكولوگىيە، سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش ئىلىمى، رادىياتسىيە بىخەتەرلىكى، بىمار تاللاش، ئارىلىشىپ ئالامەتلىرى ۋە ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى باشقۇرۇش-پىلانلاش ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتار كەسپىي بىلىملەر دېگەندەك. تەربىيەلەشكە قاتناشقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بۇ سۇپا ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ يۈرەككە نەيچە كىرگۈزۈپ داۋلاش ساھەسىدىكى ئىلغار ئىدىيە ۋە تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئۆز ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، كىلىنىكىدا تېخىمۇ ياخشى داۋالاشنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر