باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يۈز نەپەر ئانا ۋەتەننى سۆيۈش خۇنەن سەپىرىگە ئاتلاندى

2017.06.13 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئىيۇن سائەت 16دە ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا، مۈرىسىگە قىزىل ئوردىن لېنتىسى ئارتقان ھەر مىللەت مېھرىبان ئانىلىرى « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ــ بىر ئائىلە كىشىلىرى شىنجاڭدىكى يۈز ئانا ۋەتەننى سۆيۈش خۇنەن سەپىرىنى باشلاش مۇراسىمى» ئۆتكۈزدى، ئۇلار شىنجاڭدىكى مىليونلىغان ئائىلىدىن كەلگەن ئانىلارغا ۋاكالىتەن پويىز بىلەن شاۋشەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك پاراۋانلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭلىق ئانىلار ئۆزئارا ياردەم جەمئىيىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئانىلار ئۆزئارا ياردەم جەمئىيىتى شۇنداقلا خوتەن، قاراقاش، لوپ، چىرا، نىيە، كېرىيە ناھىيەسىدىكى مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتىدىن كەلگەن 108 ھەر مىللەت ئانىسى، پارتىيە بايرىقى ئاستىدا قايتا قەسەم بېرىدىكەن، تاۋيۈەن ناھىيەسى فېڭشۇ يېزىسى خۇيزۇ، ئۇيغۇرلار كەنتىگە بېرىپ شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىدىكەن، شۇنداقلا خۇنەندىكى شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلارنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلارغا بولغان مىننەتدارلىقى ۋە ياخشى تىلىكىنى بىلدۈرىدىكەن.

  گۈلشەن ئابباسوف شىنجاڭدىكى مېھرىبان ئانىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ بىزنىڭ ساپايىمىزنى ئۆستۈرىدىغان ياخشى بىر پۇرسەت، ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش پۇرسىتى، بىز ھەر مىللەت ئانىلىرى گۈزەل شىنجاڭنىڭ بىر گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر