باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭشىنىڭ پىڭگو ناھىيەسىدە تۇيۇقسىز بىر ۋەقە يۈز بېرىپ، توققۇز ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى

2017.06.13 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ پىڭگو ناھىيەسىدىن ئىگىلىنىشىچە، شۇ جايدىكى شىنئەن بازىرى تاڭناسۈن كەنتىدە 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت توققۇز ئەتراپىدا بىر تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بېرىپ، توققۇز دېھقان ئېغىر ھوشسىزلىنىپ، ئارقىدىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىر كەنت ئاھالىسى ئۆزىنىڭ سۇ ساقلاش كۆلچىكىگە چۈشۈپ، سۇ كۆلچىكى ئۈستىدىكى قېلىپنى چۇۋۇش جەريانىدا قاپسىلىپ قېلىپ، سۇ كۆلچىكى ئىچىدە ھوشىدىن كەتكەن، ئارقىدىن خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن سەككىز كىشى سۇ كۆلچىكىگە چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزۇش جەريانىدا، سەككىز كىشىنىڭ ھەممىسى سۇ كۆلچىكى ئىچىدە ھوشىدىن كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت دەرھال ئالاقىدار خادىملارنى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا بېرىپ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ھەم كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزغان. سائەت 12دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېغىر دەرىجىدە ھوشسىزلانغان توققۇز كىشىنىڭ ھەممىسى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇلغان، سائەت 16دىن 50 مىنۇت ئەتراپىدا، خۇاڭ ×× قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن، سائەت 18دىن 50 مىنۇت بولغانغا قەدەر، قالغان ئېغىر دەرىجىدە ھوشسىزلانغان سەككىز كەنت ئاھالىسىمۇ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، ئۆلۈپ كەتكەن.

  نۆۋەتتە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر