باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىلدىن بۇيانقى ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسى

2017.06.13 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىلدىن بۇيان، شياڭگاڭدىن ئىبارەت بۇ «شەرق مەرۋايىتى» سانسىزلىغان جۇلالىق دەقىقىلەرنى كۈتۈۋالدى، نەچچىلىگەن بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردى. سانسىزلىغان قايغۇ بىلەن خۇشاللىق گىرەلىشىپ كەتكەن دولقۇنسىمان ئىلگىرىلەشلەر ئىچىدە، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار بىللە ئالقىش ياڭرىتىپ، بىرلىكتە جاپالىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، بۇ ماكاننى ئورتاق قوغداپ، تىرىشىپ گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتماقتا.

  بىر يېڭى دەۋرنىڭ دۇنياغا كېلىشى تارىخىي بېتىگە ئويۇلدى

  1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، شياڭگاڭ يىغىن مەركىزىدە، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ياڭراپ، دۆلەت بايرىقى ۋە رايون بايرىقى ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە قۇرۇلدى.

  مۇستەملىكىدىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونغا ئايلانغان شياڭگاڭ مۇستەملىكە قىلىنىش خورلۇقىنى يۇيۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مىسلىسىز پۇرسەتكە ئېرىشتى، مەردانىلىك بىلەن سانسىز كاتتا ئىشلارنى روياپقا چىقاردى. بۇ ئارىلىقتىكى كىشىلەر، ئىشلار، نەرسىلەر قايتا-قايتا ئەسلەشكە ئەرزىيدۇ.

  شياڭگاڭلىقلار ۋەتەنگە تايىنىپ خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ باشلامچىلىرىغا ئايلاندى. 2006- يىل، شياڭگاڭ سەھىيە مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى چېنفېڭ فۇجېن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بولۇپ سايلاندى؛ 2010-يىل، شياڭگاڭ رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقى سېن جىمىڭ دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاۋىياتسىيە مېتېئورولوگىيەسى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

  شياڭگاڭلىقلار خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن نۇر چېچىپ كۈچ چىقاردى، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار جۇڭگولۇق بولۇشنىڭ پەخىرلىكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، شياڭگاڭ چەۋەندازلىق مۇسابىقە تۈرىنى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۈپ، ئولىمپىك شەھىرىنىڭ شان-شەرىپىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى 2009-يىلى شياڭگاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، شياڭگاڭنى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىگە ئېلىپ كىردى. 20 يىلدىن بۇيان، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 6-قېتىملىق مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى، خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل چوڭ تىپتىكى يىغىن، كۆرگەزمىلەر شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ چوڭ تىپتىكى خەلقئارا كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئەمەلىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر