باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت شارائىتى بار جايلارنىڭ ئاساسى داۋالىنىپ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىلىرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ

2016.10.31 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ جيەنجۇڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2020-يىلى ئېلىمىزدە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئەسۋابلىرى كەسپىنىڭ كۆلىمى 700 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ، دۆلەت شارائىتى بار جايلارنى ئاساسى داۋالىنىش تىپىدىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئەسۋابلىرىنى داۋالاش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئەسۋابلىرى ئادەم بەدىنى ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، تولۇقلاش ۋە ئورنىنى ئېلىش شۇنداقلا داۋالاشقا قوشۇمچە ياردەم بېرىش، مېيىپ بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ، جۈملىدىن ئۈسكۈنە، جابدۇق، ئەسۋاب، تېخنىكا ۋە يۇمشاق دېتالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇ جيەنجۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن يېقىندا«سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئەسۋابلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھەققىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ: باج يىغىشتا ئېتىبار بېرىش، مالىيەدىن مەبلەغ ئاجرىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئەسۋابلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتنى تىزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شۈ جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: تەتقىقات ھەققىنى قوشۇپ ھېسابلاپ ئۇنىڭدىن باجنى چىقىرىۋېتىش ھەمدە مۇقىم مۈلۈكنىڭ كونىرىشى، جامائەتچىلىك ئىئانە چىقىمىدىكى تاپاۋەت بېجىدىن بۇرۇنقى باج، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئەسۋابلىرى سەپلەشكە مۇلازىمەت قىلىش كارخانىلىرىنىڭ سۇ، توك، گاز، ئىسسىقلىق ئىشلىتىش باھاسى سانائەت كارخانىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئەسۋابلىرى كەسپىنى ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، كۆتۈرە ئېلىش، يۆلەش، مەبلەغ توپلاش قاتارلىق مالىيەدىن يۆلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلار، مېيىپلار، ئاغرىق سىلاقلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئەسۋابلىرىنى مۇۋاپىق سەپلەش ئاساسى تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە شۈ جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىش ئورنىدا يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئەسۋابلىرى ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، دۆلەت شارائىتى بار جايلارنى داۋالاش خاراكتېرىدىكى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئەسۋابلىرىنى داۋالاش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە تەدرىجىي كىرگۈزۈشكە ئىلھام بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر