باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىندى

2016.10.31 13:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئومۇمىي خىزمەت رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش بىلەن بىللە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، كۆزلىمە ئارقىلىق يېتەكلەشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا تەستە قولغا كېلىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلدى، مۇلازىمەت كەسپى داۋاملىق خېلى تېز ئاشۇرۇلدى، پۇل مۇئامىلە بازىرى مۇقىملاشتۇرۇلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، يېشىل تەرەققىياتتا نەتىجە كۆرۈلدى، شەھەر-بازارلارنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىدا مۆلچەردىكىدىن ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئارىسىدا ماسلىق ساقلاندى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىم بولدى. بولۇپمۇ، جايلار، تارماقلارنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەشەببۇسكارلىقى ئاشتى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىق، قالدۇقسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش قاتارلىقلاردا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش يېڭى تەدبىرى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى تۈرتكە تېز يېتىلدۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي يۈزلىنىش داۋاملىق بۆلۈنۈۋاتىدۇ، رايونلار، كەسىپلەر، كارخانىلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئەھۋالىدا پەرق خېلى چوڭ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش داۋامىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر يەنىلا كۆپ. بىز زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى تېخىمۇ گەۋدىلىنىۋاتقان ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، كۆزلىمە ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەتنى بىرىكتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كونكرېتلاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ يىلقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، «13-بەش يىل» لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، مالىيەدە مۇۋاپىق چىقىمغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلار ۋە قىيىنچىلىقى بار ئۆلكىلەرگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پۇختا پۇل سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوبوروتنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش بىلەن بىللە، مۈلۈك كۆپۈكىنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىللىق نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ياخشى تەرەققىيات نىشانىنى بەرپا قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، بازار سودىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەبلەغ سېلىشتا ئەسلىگە كېلىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ، ئىستېمالنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى يوقىتىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر