باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەندى

2016.10.31 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 29-ئۆكتەبىر مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئورگىنىغا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 6-ئومۇمي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، تەشكىلات تارمىقىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش كۆرۈشىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش لازىم.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چېقىلىپ ماقۇللانغان يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشى توغرىسىدىكى بىرقانچە مىزان ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچى نازارەت قىلىش نىزامى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ۋە مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى . ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى بۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، فۇنكىتسىيەسى ھەمدە ۋەزىپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىرمۇ بىر چۈشىنىپ، بىرمۇ بىر تەتقىق قىلىپ، بىرمۇ بىر ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر