باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى 100 مىليارد يۈەنلىك كەسىپ نىشانىغا يېتىشكە تۈرتكە بولدى

2016.10.28 15:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20: 8 مىنۇت ئۆتكەندە، كەچكى شەپەق قەشقەر قەدىمى شەھىرى كوزىچى يار بېشى ئاھالىلىرىنىڭ كېسەك ئۆيلىرىنى يورۇتۇپ تۇراتتى، بۇ ئۆيلەرنىڭ تۇرخۇنىدىن چىققان ئىس ئەتراپقا ئوتۇننىڭ كۆيگەن پۇرىقىنى تارقىتاتتى.

  ‹‹مەن دوستۇمنىڭ بۇ جايدا بىر ھەپتە تۇرۇپ، سۈرەتكە تارتىپمۇ يەنە خۇماردىن چىقمىدۇق، دېگىنىنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەندىم. ۋاقىت يار بەرسە، بۇ يەردە ئۇزاقراق تۇرغۇم بار. بۇ يەردىكى ئىمارەتلەر گىرەلىشىپ كېتىپلا قالماي، بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرمۇ دوستانە، قىزغىن ئىكەن، مەن بۇ قېتىملىق ساياھىتىمدىن بەكلا رازى بولدۇم›› دېدى بېيجىڭدىن كەلگەن ۋۇ خەيلاڭ.

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قۇرۇلتىيىدا ئۆزگىچە تەبىئىي مۇھىت ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىسى بايلىقىغا تايىنىپ، ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش؛ ساياھەت كەسپىنى تىرىشىپ ئاپتونوم رايون خەلق ئىگىلىكىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان، خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ نىشان، تەلەپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنى بەرپا قىلىش پىلانىنى يولغا قويدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى 2009 – يىلىدىكى ئۈچتىن 2015 – يىلى توققۇزغا كۆپىيىپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئوبرازىنىڭ ۋەكىلىگە ئايلاندى ھەم گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

  ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون چېگرادىن كىرگەن 7 مىليون 577 مىڭ 600 ئادەم(قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 2 مىليارد 707 مىليون دوللار پېرېۋوت يارىتىپ، ‹‹11 – بەش يىل››دىكىدىن %193.82 ۋە %190.14 ئاشۇردى؛ دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن جەمئىي 244 مىليون ئادەم(قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەت كىرىمى 302 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ‹‹11 – بەش يىل››دىكىدىن %119.67 ۋە %220.21 ئاشتى. 2015 – يىلى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن جەمئىي 60 مىليون 970 مىڭ ئادەم(قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 2014 – يىلىدىكىدىن %23.1 ئاشۇردى، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 102 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تۇنجى قېتىم 100 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ساياھەت كەسپىدە 100 مىليارد يۈەنلىك كەسىپ ساھەسىگە قەدەم قويدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جىدۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2010 – يىلى شىنجاڭدا دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئۈچى بولۇپ، ‹‹12 – بەش يىل››مەزگىلىدە جەمئىي ئالتىسى كۆپەيدى، پامىردىكى مەملىكەت بويىچە تۇنجى خەلقئارالىق ئېگىزلىك مەنزىرە ساياھىتى نىشان رايونىنى قوشقاندا، ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك ئېسىل مەنزىرە رايونى 10غا يەتتى. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالتە مەنزىرە رايونىنىڭ تۆتى جەنۇبىي شىنجاڭدا بولۇپ، بۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ساياھەت نىشان رايونىنىڭ تۈزۈلمە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە ناھايىتى پايدىلىق.

  يېڭى كەسىپ ھالىتى ساياھەت كەسپىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى

  ‹‹يېڭى دەۋردە شىنجاڭ ساياھىتىنى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشتە ساياھەت شىركەتلىرى، سودىگەرلىرىنىڭ نىشان رايونلىرىغا كىرەلىشىدە جەزمەن يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايون، پۈتۈن پەسىل، پۈتۈن ئامىل خاراكتېرلىك ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ ساياھەت ئىدىيەسى ۋە ساياھەت شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ›› دېدى لى جىدۇڭ.

  ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 100 ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى نۇقتىلىق تۈرى بويىچە يۆلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 54 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئائىلە ئاپتوموبىل لاگېرى، ئاپتوموبىل ئۆيى ساياھىتى، ئارىشاڭدا دەم ئېلىش، قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ساياھىتى تۈرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەت كەسىپ يېڭى ئامىلىنى كېڭەيتتى ۋە ئۇزارتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت كەسپىگە سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 118 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر دەرىجىلىك مالىيە سېلىنمىسى 20 مىليارد 455 مىليون يۈەن، ئىجتىمائىي سېلىنما 97 مىليارد 952 مىليون يۈەن بولغان. 2015 – يىلىدىكى قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 680 بولۇپ، ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بويىچە 38 مىليارد 36 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، بۇ 2010 – يىلىدىكىنىڭ 6.7 ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، سالغان ئومۇمىي مەبلەغ مىقدارى، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. بەش يىلدىن بۇيان جەمئىي 53 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، يېزا، كەنت ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا، كەنت ساياھىتىدىكى 64 ئۈلگىلىك ناھىيە، يېزا – بازار، كەنت ۋە 470 سەھرا(چارۋىچىلار، بېلىقچىلار) ئارامگاھى ۋە ئۈچ يېزا، كەنتنىڭ ساياھەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىگە ياردەم بەرگەن، يېزا، كەنت ساياھىتى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم يولغا ئايلانغان.

  مۇلازىمەت تەرەققىياتقا كۈچ ۋە ھەسسە قوشتى

  شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە، ساياھەت يېتەكچىلىرى قىس بولۇش ھادىسىسى ناھايىتى گەۋدىلىك ئىكەن، بولۇپمۇ 2015 – يىلى بازار ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان، بۇنداق ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولغان. 2016 – يىلى قاناستىن ئىبارەت ئۇزۇن لىنىيەلىك مەنزىرە رايونىدا بىر ساياھەت يېتەكچىسىگە كۈندە 1000 يۈەن بېرىش نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما ساياھەت يېتەكچىسى تېپىش بەكلا تەسلىشىپ كەتكەن، ساياھەت ئاپتوموبىلىمۇ قىس بولغان. ساياھەت يېتەكچىسى ئەترىتىنىڭ كۆپىيىشى ساياھەت كەسپىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  2012 – يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت كارخانىلىرىدىن جەمئىي 505نى تۈزەپ تەرتىپكە سالدى؛ يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىدىن 53نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 115نى تەرتىپكە سالدى؛ A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 24نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بەش ئورۇننىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، 153 ئورۇننى تەرتىپكە سالدى ياكى ئاگاھلاندۇردى؛ ساياھەت كوپىراتىپىدىن 117نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 38نى تەرتىپكە سېلىپ ئۆزگەرتتى. 2016 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ‹‹ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپەت يىلى›› پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، كۆپ تارماق، ساياھەت بازارلىرى بىرلىشىپ ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ‹‹ساياھەت خىراجىتى بويىچە ئونغا يول قويماسلىق›› مىزانى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ساياھەت بازارلىرىنىڭ تەرتىپى ۋە ساياھەت كارخانىلىرى، ساياھەت كەسىپكارلىرى، تىجارەتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك قېلىپلاشتۇرۇپ، ساھەلەرنىڭ تەلەپچانلىق ئېڭىنى ئاشۇردى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بويىچە 100 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت مەمۇرىي باشقۇرۇش كادىرلىرى، كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا قاتلاملىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى ۋە ساياھەت يېتەكچىلىرىنى دەرىجە، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش، تىرانسپورت باشقۇرۇش، يېزا، كەنت ساياھىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندا، ئىشنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ. 10 – ئاينىڭ 3 – كۈنى مۇخبىر دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تور پونكىتىدا دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئېلان تىزىملىكىنى كۆردى، شىنجاڭدىكى قاراجۈن ۋە بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى بۇ تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى كۆپىيىپ 11 گە يەتكەن، بۇلاردىن سىرت، يەنە 16 مەنزىرە رايونى پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىمۇ داۋاملىق ئىلگىرىلەش كېرەك. 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى 15كە، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك ساياھەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ئالتىگە يەتكۈزۈپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۇش؛ ساياھەت كەسپى ئارقىلىق يۆلىنىدىغان كەنت، ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ ھەممىسىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش نىشانىغا يېتىش؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 180دىن كۆپرەك يېزا، كەنتنى ساياھەتتە ئۈلگىلىك كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، 8000 سەھرا ئارامگاھى، يېزا، كەنت ساياھەت ئورۇنلىرىدا كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىنى 40 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئاشۇرۇش... بۇرغىسى چېلىندى، ھازىر شىنجاڭدىكى ساياھەت كەسىپكارلىرى ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر