باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە «سۇي شۇنشىر ۋەقەسى»نىڭ باش پېرسوناژى پەيدا بولدى

2016.10.28 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە زوڭتوڭى پاك گيۇنخاينىڭ يېقىن كىشىسىنىڭ «ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىش» ۋەقەسىنىڭ داۋاملىق ئۇلغىيىشى بىلەن، جامائەت پىكرىنىڭ مەركىزىدىكى يەنە بىر «ئاساسلىق پېرسوناژ» سۇي شۇنشىر گېرمانىيەدە پەيدا بولدى ھەمدە تۇنجى قېتىم ئىپادە بىلدۈردى.

  كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ 27-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، سۇي شۇنشىر زوڭتوڭ سايلىمى مەزگىلىدە پاك گيۇنخاينىڭ نوتۇق ئورگېنالىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، پاك گيۇنخاي زوڭتوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ، زوڭتوڭ مەھكىمىسىنىڭ ھۆججەتلىرىنى كۆرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، بىراق ئۇ بۇلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  كورېيە تاراتقۇلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا، سۇي شۇنشىرنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشى ۋە پاك گيۇنخاينىڭ كەچۈرۈم سورىشى «كورېيەدە ئىككى زوڭتوڭ بار» دېگەن ئەندىشىنى يوقىتالمىدى، دەپ قارىدى. نۇرغۇن ئامما يەنە، سۇي شۇنشىر بىلەن پاك گيۇنخاينىڭ 40 نەچچە يىللىق «دوستلۇقى»نىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، كورېيە تاراتقۇلىرى سۇي شۇنشىرنىڭ قەرەللىك ھالدا زوڭتوڭ مەھكىمىسىدىن كەلگەن دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالالايدىغانلىقىنى، زوڭتوڭ مەھكىمىسىنىڭ ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىغا ئادەم تاللاشتا سۇي شۇنشىرنىڭ پىكرىنى ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر