باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت قۇرۇلتىيى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىنى كۇباغا قارىتىلغان قامالنى بىكار قىلىشقا دەۋەت قىلدى

2016.10.27 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 71- نۆۋەتلىك ب د ت قۇرۇلتىيى 26- ئۆكتەبىر يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن قارار ماقۇللاپ، ئامېرىكىنى كۇباغا قارىتىلغان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئىقتىسادىي، سودا ۋە پۇل مۇئامىلىدىكى قامالنى دەرھال بىكار قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئامېرىكا بۇ قارار لايىھەسىگە قارىتا تۇنجى قېتىم قارشى تۇرۇش بېلىتى تاشلىماي، ۋاز كېچىش بېلىتى تاشلىدى.

  ب د ت قۇرۇلتىيى شۇ كۈنى كۇبا تاپشۇرغان «ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ كۇباغا قارىتىلغان ئىقتىساد، سودا ۋە پۇل مۇئامىلىدىكى قامالنى چوقۇم ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك» سەرلەۋھەلىك قارار لايىھەسىگە قارىتا بېلەت تاشلاپ قارار قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بېلەت تاشلاشقا قاتناشتى، نەتىجىدە 191 دۆلەت قوشۇلۇش بېلىتى تاشلىدى، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ۋاز كېچىش بېلىتى تاشلىدى. بۇ ب د ت قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇدا 25 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ تۈردىكى قارارنى ماقۇللىشى بولۇپ قالدى.

  قاراردا، كۇبا ۋە ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى، ھەمدە ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوبامانىڭ بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا كۇبادا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالىمىز، ھەمدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ قامال يۈرگۈزگەن بەزى مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىگىمۇ دىققەت قىلىۋاتىمىز، بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ گەرچە ئىجابىي ئەھمىيىتى بار بولسىمۇ، بىراق «دائىرىسى يەنىلا چەكلىك» بولىۋاتىدۇ، دېيىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر