باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

(2016-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى)

قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شى جىنپىڭ

2016.10.24 15:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداشلار:

  بۈگۈن بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتىمىز.

  قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان ئاشۇ يىللاردا، جۇڭگو يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتتىن ئىبارەت زۇلمەت ئىچىدە قالغان، ئىجتىمائىي كىرىزىس ھەممە جاينى قاپلىغان، ياپون باسقۇنچىلىرى جۇڭگوغا ۋەھشىيلەرچە تاجاۋۇز قىلىۋاتقان، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى مىللەتنىڭ ھايات-ماماتىغا قارىماي، ئىنقىلابىي بازىلارغا كەڭ كۆلەملىك «قورشاپ يوقىتىش» ھەرىكىتىنى قوزغىغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيە، جۇڭگو ئىنقىلابى، جۇڭخۇا مىللىتى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانىدى.

  ھايات-ماماتلىق كەسكىن سىناق ئالدىدا، 1934-يىلى 10-ئايدىن 1936-يىلى 10-ئايغىچە، قىزىل ئارمىيەنىڭ 1 -، 2 -، 4-يۆنىلىش ئارمىيەسى ۋە 25-ئارمىيەسى ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەرنى باشتىن كەچۈردى. پارتىيەمىز قىزىل ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئاجايىپ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن كۈرمىڭلىغان جاپا-مۇشەققەت ۋە خەتەرنى يېڭىپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان، تارىخنىڭ شانلىق سەھىپىسىگە پۈتۈلگەن ئۇزۇن سەپەرنى غەلىبىلىك تاماملاپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيەنى يوقىتىش سۇيىقەستىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغانلىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، شىمالغا ئاتلىنىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بويىچە ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقتىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىدىكى ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

  جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان بۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەت − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيە پۈتكەن سەلتەنەتلىك داستان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى سەلتەنەتلىك ئابىدە.

  بۇ يەردە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن قىزىل ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ بۇ تارىخىي ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتنى ۋۇجۇدقا چىقارغان يولداش ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي، جۇ دې قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارغا، ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغان ۋە جايلاردا ئىنقىلابىي كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان قىزىل ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرىگە، ئەينى يىللاردا قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىگە ياردەم بەرگەن ھەر مىللەت خەلقىگە، بولۇپمۇ ھەرقايسى ئىنقىلابىي بازىلاردىكى خەلققە، بارلىق ھايات پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.

  ھەممىڭلار ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئۇزۇن سەپەردە ۋە جايلاردىكى ئىنقىلابىي كۈرەشلەردە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرەيلى!

  يولداشلار!

  تارىختىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 80 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتكە نەزەر سالساق، ئۇزۇن سەپەرنىڭ پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، ئارمىيەمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىنتايىن ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيمىز.

  − ئۇزۇن سەپەر بىر قېتىملىق غايە-ئېتىقاد ئۇلۇغ سەپىرى. يۈكسەك غايە، مۇستەھكەم ئېتىقاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك سىياسىي روھى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، كوممۇنىزمنى ئۇلۇغۋار غايە قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنى بۇ ئۇلۇغ غايىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئىزچىل ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە يېتەكلىدى. پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا پولاتتەك تاۋلاندى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا قەلبلەردىكى ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئىنقىلابىي ئېتىقاد باشتىن-ئاخىر مۇستەھكەم ئەقىدە بولدى، باشتىن-ئاخىر پارلاق نۇر چېچىپ تۇردى.

  ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، قەھرىمان قىزىل ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى شياڭجياڭ دەرياسىدا قانلىق جەڭ قىلىپ، چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈپ، جىنشاجياڭ دەرياسىدىن پەم بىلەن ئۆتۈپ، دادۇخې دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇشۇ بازىرىدا كەسكىن جەڭ قىلىپ، باۋزو رايونىنى باتۇرلۇق بىلەن ئىگىلەپ، ۋۇمېڭشەن تېغىدا جەڭ قىلىپ، قوغلاپ كېلىۋاتقان نەچچە مىليون ئەشەددىي دۈشمەننى چېكىندۈردى، ھاۋاسى شالاڭ، قار-مۇزلۇق چوققىلار، دەشت-باياۋان، سازلىق ۋە ئوتلاقنى بويسۇندۇرۇپ، ئون نەچچە ئۆلكىنى كېزىپ ئۆتۈپ، 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەر قىلدى. قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسلىق كۈچى ئۇزۇن سەپەر قىلغاندىن كېيىن، تايانچ بازىلاردا قالغان قىزىل ئارمىيە قوشۇنى ۋە پارتىزانلار ئەترىتى ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇردى. غەربىي شىمال رايونىدىكى قىزىل ئارمىيە شەنشى-گەنسۇ ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇرۇپ، شىمالىي شەنشىگە ئالدىن بارغان قىزىل 25-ئارمىيەسى بىلەن بىللە دۈشمەن نۇرغۇن ئەسكىرىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قوزغىغان «قورشاپ يوقىتىش» نى تارمار قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابى چوڭ لاگېرىنى غەربىي شىمالغا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا شارائىت ياراتتى. شەرقىي شىمال ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايونلاردا داۋاملىق خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ھەر تەرەپ كۈچلەر مىسلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەشلەرنى قىلىپ، ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

  ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى غايىسىنىڭ غەلىبىسى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئېتىقادىنىڭ غەلىبىسى. «قاتتىق جۇدۇندا تاۋلىنار جىسمىمىز، ياۋا كۆكتات يېسەكمۇ چىڭىيدۇ ئىرادىمىز؛ كوماندىر-جەڭچىلەر بىللە بىز جاپا ھەم ھالاۋەتتىمۇ، بولغاچ بىزنىڭ ئۇلۇغ ئىنقىلاب غايىمىز». مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەر يولىدا يۈكسەك غايە، مۇستەھكەم ئېتىقاد قىزىل ئارمىيەنى ئىزچىل ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. قىزىل 1-يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ 25 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرىدە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 300 مېتىر ئارىلىقتا بىر قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى قۇربان بولدى. ئۇزۇن سەپەردىن ئىبارەت بۇ قىزىل بەلباغ سانسىزلىغان قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان. مۈشكۈلات ئادەمنىڭ جىسمىنى نابۇت قىلالايدۇ، ئۆلۈم ئادەمنى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلالايدۇ، لېكىن ھېچقانداق كۈچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە ۋە ئېتىقادىنى تەۋرىتەلمەيدۇ.

  ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە قىزىل ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرىنىڭ ھەرقانداق دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان، ھېچقانداق دۈشمەنگە بويسۇنمايدىغان، ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، ھېچقانداق قىيىنچىلىقلارغا تىز پۈكمەيدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە ئىنقىلابىي روھىغا تاياندۇق. ئۇزۇن سەپەر پۈتۈن جۇڭگو، پۈتۈن دۇنياغا شۇنى جاكارلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى ماركسىزم بىلەن قوراللانغان، كوممۇنىزمنى ئالىيجاناب غايە ۋە مۇستەھكەم ئېتىقاد قىلغان. ئۇزۇن سەپەردىكى مۈشكۈلات، ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئۆلۈم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە ۋە ئېتىقادىنى سىنىدى، دۇنيا ئەھلىگە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە، ئېتىقادىنىڭ پولاتتەك مۇستەھكەم يىمىرىلمەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

  − ئۇزۇن سەپەر بىر قېتىملىق ھەقىقەتنى سىنايدىغان ئۇلۇغ سەپەر. ھەقىقەت پەقەت ئەمەلىيەت داۋامىدا سىنىلىدۇ، ھەقىقەت پەقەت ئەمەلىيەت داۋامىدا تۇرغۇزۇلىدۇ. ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، قىزىل ئارمىيە دۈشمەننىڭ ۋەھشىيانە قوغلاپ ھۇجۇم قىلىشىغا، ناچار تەبىئىي شارائىتقا، يەنە پارتىيە ئىچىدىكى خاتا ئىدىيە بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىشقا دۇچ كەلدى. ئۇزۇن سەپەر ئارقىلىق پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە ئاجىزلاشمىدى ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيدى، چۈنكى پارتىيەمىز جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ توغرا يولىنى تاپتى، بۇ يولغا يېتەكلەيدىغان توغرا نەزەرىيەنى تاپتى.

  ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان زۇنيى يىغىنى پارتىيەمىز تارىخىدىكى ھايات-ماماتلىق مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ قىزىل ئارمىيە ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلىنىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى ماركسىزملىق توغرا لۇشيەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ئورنى بېكىتىلىشكە باشلىدى، يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 1-ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇ، پارتىيەمىز ۋە ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ خەۋپ-خەتەردىن قۇتۇلۇشىنىڭ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالىتى.

  ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى پارتىيەمىزگە پەقەت ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ ئومۇمىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ئۆز ئالدىغا ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ئىنقىلاب ئىشلىرىنى غەلىبىگە يېتەكلىگىلى بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ تونۇتتى. بۇ، قانلىق ساۋاق ۋە كۈرەش سىنىقىدىن ئېرىشكەن ھەقىقەت.

  ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا پۈتۈن پارتىيەنى مىسلىسىز ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، قىزىل ئارمىيەنى مىسلىسىز ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇنداق ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتىكى بۈيۈك ئىتتىپاقلىق بولمىغان بولسا، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قازىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا قايتا-قايتا تاۋلىنىش ئارقىلىق پارتىيەمىز ئىدىيە جەھەتتە ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى ئاساسىي كۈچ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشىشىدىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى.

  ئۇزۇن سەپەر خەلقنى ئويغاتقان ئۇلۇغ سەپەر. قىزىل ئارمىيە جەڭلەردە غەلىبە قىلغاندا خەلققە تاياندى. ئۇزۇن سەپەر تارىخىي خاتىرىلەردىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. ئۇزۇن سەپەر خىتابنامە، ئۇزۇن سەپەر تەشۋىقات ئەترىتى، ئۇزۇن سەپەر ئۇرۇق چاچقۇ. ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل كۈچ ئېلىشىۋاتقان چاغدا، يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل يولنى تاللاشقا توغرا كەلگەن پەيتتە، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئامما بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى قوراللاندۇرۇپ، ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۈلگىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلقنىڭ چىن ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. خەلق ئۇزۇن سەپەردە غەلىبە قىلىشنىڭ كۈچ مەنبەسى.

  ئۇزۇن سەپەردە، پارتىيەمىز پۈتۈن مىللەت ئىتتىپاقلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مىللەت ئويغىنىش ھەم ئورنىدىن دەس تۇرۇش بۇرغىسىنى چېلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش، تاجاۋۇزچىلارغا بىردەك تاقابىل تۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى توپلىدى. بارلىق خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە ئىكەنلىكىنى، قىزىل ئارمىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسى، شۇنداقلا ياپون باسقۇنچىلىرىغا ھەقىقىي قارشى تۇرىدىغان كۈچ ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۆرسەتكەن يولنىڭ خەلق قەددىنى رۇسلاپ ئازادلىققا ئېرىشىدىغان توغرا يول ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

  ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى پارتىيەمىزنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلدى، ئىنقىلاب ئۇرۇقىنى چاچتى، پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتتى، پارتىيەمىزنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدى، بۇنىڭ بىلەن پارتىيەمىز خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتتى.

  ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنىڭ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ چېچەكلىشى كېرەكلىكىنى، خەلققە يېقىندىن تايىنىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  − ئۇزۇن سەپەر يېڭى ۋەزىيەت ياراتقان بىر قېتىملىق ئۇلۇغ سەپەر. ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى يۆنىلىش ۋە يولنىڭ غەلىبىسى. ئۇزۇن سەپەر جەريانى دۈشمەننى يېڭىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىنقىلاب يولىدا ئىزدىنىش جەريانى. ئۇزۇن سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى، پارتىيە ئىچىدىكى «سولچىل» دوگماتىزمنىڭ خاتا رەھبەرلىكى سەۋەبىدىن، مەركىزىي ئىنقىلابىي بازا 5-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى تۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى، باشقا ئىنقىلابىي بازىلارمۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، جۇڭگو ئىنقىلابى يۆنىلىش ۋە يولنى تاللاشقا دۇچ كەلدى. مۇشۇنداق زور داۋالغۇش بولۇۋاتقان پەيتتە، پارتىيەمىز تەڭداشسىز ئۇلۇغۋار ئەمەلىيەت روھى ۋە قەتئىي تىز پۈكمەس ئۇلۇغۋار ئىجادىيەت روھىنى نامايان قىلىپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىپ، غەلىبىگە يۈرۈش قىلىدىغان ئىنقىلاب يولىنى تاپتى.

  ئۇزۇن سەپەردە، پارتىيەمىز جاپالىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى مىللەتنى قۇتقۇزۇش بىلەن، ئۇزۇن سەپەرنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامى قۇرۇش بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي ئۇرۇشقا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ھەم يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى ئىنقىلابىي كۈچنى ساقلاپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيەمىز جۇڭگودىكى ئىنقىلابىي كۈچلەرنى مەۋجۇت بولۇپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يېڭى مەقسەت، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىنى غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان يېڭى مەۋقەنى تاپتى. ئۇزۇن سەپەرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدىن باشلاپ، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىدا ھەيۋەتلىك يېڭى سەھىپە ئاچتى.

  ئۇزۇن سەپەر غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا ئىنقىلابىي بازىسىنى مەركەز قىلىپ، زور بىر تۈركۈم ئىنقىلابىي بازىلارنىڭ يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئىنقىلاب ئۇرۇقى كەڭ زېمىنغا چېچىلىپ، ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىپ، يېڭى ئىنقىلاب دولقۇنىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  يولداشلار!

  «چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن جاپادا چېنىقىش كېرەك». ئۇزۇن سەپەرنىڭ ۋاقتى ئۇزاق، كۆلىمى چوڭ، مۇساپىسى ئۇزۇن، مۇھىتى خەتەرلىك، جەڭلەر شىددەتلىك بولدى، جۇڭگو تارىخىدا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بولۇپ، بۇنداق سەپەر دۇنيا ئۇرۇش تارىخى، ھەتتا ئىنسانلار مەدەنىيەت تارىخىدىمۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

  بۇ ئۇزۇن سەپەردە، قىزىل ئارمىيەنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى دۈشمەن بىلەن 600 قېتىمدىن ئارتۇق جەڭ قىلىپ، 100گە يېقىن دەريا-ئېقىن، 40 تىن ئارتۇق ئېگىز تاغ ۋە خەتەرلىك چوققىدىن كېسىپ ئۆتتى. بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىز بولغان قارلىق تاغدىن 20 نەچچىسى بولۇپ، قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى «ھالاكەت تۇزىقى» دەپ ئاتالغان چەكسىز ئوتلاق-سازلىقتىن كېسىپ ئۆتۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتلىق ئاخىرقى چېكىنى بويسۇندۇردى. قىزىل ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى دۇنيانىڭ ھەربىي تارىخىدا ھەيۋەتلىك ئۇرۇش كۆرىكىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا تاغنى تالقان قىلىدىغان مۆجىزىنى ياراتتى.

  80 يىلدىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى توغرىسىدىكى خەۋەر ۋە تەتقىقاتلار ھەم ئۇزۇن سەپەرنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، بۇ يولنى زىيارەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. خەلقئارا جەمئىيەتتە: قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى 20-ئەسىردىكى دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، غايە ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا تولغان، ئىرادە ۋە جاسارەت ئارقىلىق يېزىلغان ئىنسانىيەت داستانى. ئۇزۇن سەپەر تارقاتقان كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ زامان، ماكان ۋە مىللەتتىن ھالقىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنى ئىنسانلار ھەققانىيەت ۋە يورۇقلۇق ئىزدەپ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئۇلۇغ داستان، دەپ قارايدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

  يولداشلار!

  ئۇزۇن سەپەر ئىنسانلار تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزە بولۇپ، بىزگە ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇردى، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە قىزىل ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن ئاپىرىدە قىلغان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىدىن ئىبارەت.

  ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى دەل پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ئىنقىلاب غايىسى ۋە ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەققانىي ئىشلارنىڭ مۇقەررەر غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغان روھ؛ دۆلەت ۋە مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەت ۋە خېيىم-خەتەردىن، شۇنداقلا بارلىقىنى قۇربان قىلىشتىن قورقمايدىغان روھ؛ مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش روھى؛ ئومۇمىيلىقنى كۆزلەپ، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىش روھى؛ خەلققە زىچ تايىنىپ، خەلق بىلەن ھايات-مامات ھەم جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، جاپالىق كۈرەش قىلىش روھىدىن ئىبارەت.

  ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي خىسلىتىنىڭ جانلىق تەسۋىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مىللىي خىسلىتىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھنىڭ ئالىي نامايەندىسى.

  ئادەمدە روھ بولمىسا تىك تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ. روھ بىر مىللەتنىڭ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان مەنىۋى كۈچ بولۇپ، روھ بەلگىلىك يۈكسەكلىككە يەتكەندە، شۇ مىللەت ئاندىن تارىخ ئېقىنىدا غۇلىماي مەزمۇت تۇرالايدۇ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قىزىل گېنى ۋە روھىيەت نەسەبنامىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قېنى ۋە روھىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن، ئۇ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مول ئوزۇقىغا، جۇڭگو خەلقىنى قىيىنچىلىقلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىگە ئىلھاملاندۇرىدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

  يولداشلار!

  تارىخنى خەلق يارىتىدۇ، قەھرىمان خەلق قەھرىمانلىق تارىخىنى يارىتىدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگودىكى ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىيات ئۇزۇن سەپەردىن باشلانغان.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش ھارپىسىدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ بىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش پەقەت 10 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنىڭ تۇنجى قەدىمى» دېگەنىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جاپالىق ئىزدىنىش ۋە ئەگرى-توقايلىقلار ئىچىدە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى دەۋرىنى باشلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يېڭى ئۇزۇن سەپىرىگە ئاتلاندۇق.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرغاچقا، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تۈپتىن ياخشىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمى زور دەرىجىدە مۇستەھكەملىنىپ ۋە راۋاجلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالدۇق.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك مۈشكۈل تارىخىي ۋەزىپە. يولداش دېڭ شياۋپىڭ: «بىزنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇۋاتقىنىمىزغا ئەمدىلا نەچچە ئون يىل بولدى، تېخى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز. سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، يەنە ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخىي باسقۇچ كېرەك، بىر نەچچە ئەۋلاد، ئون نەچچە ئەۋلاد، ھەتتا نەچچە ئون ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بوشاشماي تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ ئىشنى ھەرگىز بوش چاغلاشقا بولمايدۇ»، دېگەنىدى.

  تارىخ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ تۇرىدۇ، غايىگە يېتىش ئۈچۈن، بىز بېكىتكەن يولنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. ھەر بىر ئەۋلاد كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ، ھەر بىر ئەۋلاد ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى بېسىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن سەپىرى «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەرنى ئەينى يىلدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان بىز مېڭىپ ئۆتكەن يېڭى ئۇزۇن سەپەرگە سېلىشتۇرغاندا، گەرچە مۇھىت، شارائىت، ۋەزىپە، كۈچ قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى پەرقلەر، ھەتتا ناھايىتى زور ئوخشىماسلىقلار بولسىمۇ ھەممىسى ئىجادىي، مۈشكۈل، مۇرەككەپ ئىشلاردىن ئىبارەت.

  ئۇلۇغۋار غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يول تۈپتۈز بولمايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىز يەنە نۇرغۇن «قارلىق تاغ»، «سازلىق» نى كېسىپ ئۆتۈشىمىزگە، يەنە نۇرغۇن «لۇشەن ئۆتكىلى»، «لازىكۇ» نى بويسۇندۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا راھەت-پاراغەت قوغلىشىش، داۋاملىق جاپالىق كۈرەش قىلىشنى خالىماسلىق ئىدىيەسىدە بولۇشقا، مەغرۇرلىنىپ ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىپ، داۋاملىق يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشنى خالىماسلىق ئىدىيەسىدە بولۇشقا بولمايدۇ.

  ئۇزۇن سەپەر مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. كەلگەن يولىنى بىلمەيدىغان مىللەت چىقىش يولى يوق مىللەت. مەيلى ئىشلىرىمىز تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يەتكەن، قانچىلىك چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولايلى، بىز ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا داۋاملىق باتۇرانە ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  − ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك غايە-ئېتىقاد ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، قەلبىمىزدە ئېتىقاد بولسا، جىسمىمىزدا كۈچ بولىدۇ؛ مۇستەھكەم غايە-ئېتىقاد بولمىسا، يۈكسەك غايە-ئېتىقادنىڭ كۈچلۈك تىرىكى بولمىسا، ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يولداش دېڭ شياۋپىڭ: «ئىلگىرى پارتىيەمىز قانچىلىك ئاجىز بولۇشىدىن، قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىزچىل كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاپ قالالىدى، چۈنكى بىزدە ماركسىزم ۋە كوممۇنىزم ئېتىقادى بار. ئورتاق غايە بولغان ئىكەن، پولاتتەك ئىنتىزاممۇ بولىدۇ. مەيلى ئىلگىرى، ھازىر ۋە كەلگۈسىدە بولسۇن، بۇ بىزنىڭ ھەقىقىي ئەۋزەللىكىمىز بولىدۇ».

  يېڭى ئۇزۇن سەپەردە، بىز چوقۇم غايە-ئېتىقادنى مۇستەھكەم ساقلىشىمىز، دەۋر، شارائىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادچىلىرىدىن، سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، ھەقىقەت، غايە ئۈچۈن مەڭگۈ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  «تاشنى پارچىلاشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ قاتتىقلىق ماھىيىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ؛ كىنوۋارنى سىلىقلاشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىزىللىقىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ». غايە-ئېتىقادنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى ئىدىيە ۋە نەزەرىيەنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىدىن كەلگەن. ھەقىقەتنى تونۇش، ھەقىقەتنى ئىگىلەش، ھەقىقەتكە ئىشىنىش، ھەقىقەتنى قوغداش − مۇستەھكەم غايە-ئېتىقادنىڭ مەنىۋى ئالدىنقى شەرتى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە-ئېتىقادى ماركسىزملىق ئىلمىي ھەقىقەت ئاساسىدا، ماركسىزم ئېچىپ بەرگەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئاساسىدا، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەشنىڭ يۈكسەك قىممىتى ئاساسىدا قۇرۇلغان. بىز مۇستەھكەم ۋە قەتئىي، چۈنكى بىز ھەقىقەتكە ئىنتىلىۋاتىمىز. بىز مۇستەھكەم ۋە قەتئىي، چۈنكى بىز قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىمىز. بىز مۇستەھكەم ۋە قەتئىي، چۈنكى بىز ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىمىز.

  غايە-ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشتە، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مېڭىمىزنى ھەقىقەت ئارقىلىق قوراللاندۇرۇپ، ھەقىقەت ئارقىلىق غايىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەقىقەت ئارقىلىق ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش جەريانىدا ئىشىنىش، ئۆگىنىش جەريانىدا تەپەككۇر قىلىش، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تەۋرەنمەس غايە-ئېتىقادقا، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك ھايات قارىشى، قىممەت قارىشىغا ئايلاندۇرۇپ، غايە نۇرى ئارقىلىق كۈرەش يولىنى يورۇتۇپ، ئېتىقاد كۈچى ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  − ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچىسى، نەزەرىيە ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسى، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئىلمىي نەزەرىيەنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن توغرا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئىگىلىگىلى؛ مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى مۇستەقىل ئېچىشقا قويغاندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. ئۇزۇن سەپەردە بېسىپ ئۆتكەن يولدا، يالغۇز تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپلا قالماستىن، يەنە ماركسىزمنى ئۆزگەرمەس دوگما دەپ قارايدىغان خاتا ئىدىيەۋى توسالغۇدىنمۇ ھالقىپ ئۆتتۇق. ئۇزۇن سەپەر بىزگە قالدۇرغان تۈپ تەجرىبە ۋە ئۆرنەك شۇكى، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشتىن ئىبارەت.

  يېڭى ئۇزۇن سەپەردە، بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، جۇڭگو خەلقىنى ئۆزىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىشقا يېتەكلەيدىغان مۇقەررەر يول. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى پارتىيە ۋە خەلقنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان توغرا نەزەرىيە، دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈپ تۈزۈم كاپالىتى بولۇپ، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە، كۈچلۈك ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىلغار تۈزۈم. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەنىۋى ئىنتىلىشىدىن توپلانغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس مەنىۋى بەلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى. بۇ نۇقتىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئەمەلىيەت جەھەتتىنمۇ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايىسى ۋە ئىزدىنىشى مۇجەسسەملەنگەن، سانسىزلىغان ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى يۈكلەنگەن، مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈرەشلىرى ۋە قۇربان بېرىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر تاللاشتۇر. بىز يول ئىشەنچىسى، نەزەرىيە ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسى، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەيمىز، ھەرگىزمۇ بىر ئىزدىلا توختاپ قېلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلمەيدىغان ئىشنى قىلمايمىز، بىز جەزمەن ئۈزلۈكسىز بايقاپ، ئۈزلۈكسىز كەشىپ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئىجاد قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى مەڭگۈ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىز كېرەككى، بىز قىلىۋاتقان بارلىق مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ياخشىلاشلار بەلگىلەنگەن يۆنىلىشتە داۋاملىق ئىلگىرىلەشتۇر، ھەرگىزمۇ يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىش ئەمەس، پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ھاياتلىق يولىنى تېپىش ئاساسىنى يوقىتىشمۇ ئەمەس.

  − ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، چوقۇم خەلقنى قەلبىمىزدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ھەممىدە خەلق ئۈچۈن بولۇش، ھەممىدە خەلققە تايىنىش، خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، خەلق چەكسىز ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچكە ئىگە، پەقەت باشتىن-ئاخىر خەلققە ئىشىنىپ، خەلققە چىڭ تايىنىپ، خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاتقاندىلا، ئاندىن كوللېكتىپنىڭ ئۆملۈك كۈچىدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ. قىزىل ئارمىيەنىڭ بۇ بىر بۆلەك ئۇزۇن سەپەر تارىخى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن تارىختۇر. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ رۇچېڭ ناھىيەسى شاجۇ كەنتىدە ئۈچ ئايال قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى شۈ جېشيۇنىڭ ئائىلىسىدە قونۇپ قېلىپ، كېتىدىغان چاغدا ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يوتقىنىنىڭ يېرىمىنى كېسىپ مويسىپىتقا قالدۇرۇپ قويغانىدى. مويسىپىت: «كومپارتىيە دېگەن نېمە؟ كومپارتىيە دېگەن ئۆزىنىڭ بىر يوتقىنى بولسا، يېرىمىنى كېسىپ پۇقراغا قالدۇرىدىغان كىشى»، دېدى. خەلق بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاش، ھايات-ماماتتا بىللە بولۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردە غەلىبە قازىنىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، شۇنداقلا بىزنىڭ ھەممە قىيىنچىلىق ۋە خېيىم-خەتەرنى يېڭىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيالىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىيەلىشىدىكى تۈپ سەۋەب دەل خەلققە تايانغانلىقىمىزدا. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىشىنىڭ سەۋەبى دەل خەلققە بەخت ياراتقانلىقىمىزدا.

  يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر كىملەر ئۈچۈن بولۇش، كىملەرگە تايىنىش مەسىلىسىنى چوقۇم ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك، بۇ بىر پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان سىناق تېشىدۇر. بىز خەلقچىل مەيداننى باشتىن-ئاخىر تۈپ سىياسىي مەيدان قىلىپ، خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، خەلققە بەخت يارىتىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. بىز بارلىق خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاپالىق ئەمگىكىمىز ۋە بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، بارلىق خەلقنى ئىسلاھات-تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىلەندۈرۈپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بېيىش نىشانىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  «سۇ كېمىنى لەيلىتىدۇ، شۇنداقلا چۆكتۈرۈۋېتەلەيدۇ». بۇ ھەقىقەتنى جەزمەن ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. پۇقرا دېمەك ئاسمان ۋە زېمىن دېمەك. خەلقنى ئۇنتۇساق، خەلقتىن ئايرىلىپ قالساق، بىز مەنبەسىز ئېقىنغا، يىلتىزسىز دەرەخكە ئايلىنىپ قېلىپ، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايمىز. بىز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، خەلقنىڭ تەنقىدى ۋە نازارىتىنى باشتىن-ئاخىر قوبۇل قىلىپ، قەلبىمىزدە پۇقرالارنىڭ دەرد-ئەلىمىنى دائىم ئەسلەپ تۇرساق، كاللىمىزدا خەلقنى بېيىتىش تەدبىرلىرىنى دائىم پىلانلاپ تۇرساق، پارتىيەمىز مەڭگۈ خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ، ئىشلىرىمىز باشتىن-ئاخىر تۈگىمەس كۈچ مەنبەسىگە ئىگە بولىدۇ.

  ئىتتىپاقلىق ھەممە قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدە، بىز مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر قايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، ھەر قايسى تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر قايسى قاتلام، شۇنداقلا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداپ، بىرلىككە ۋە ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز بارلىق خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىق ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ ياراتقان قۇدرەتلىك كۈچنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  − ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، چوقۇم نىشاننى ئىگىلەپ، ئومۇملۇقنى ئىدارە قىلىپ، ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، باش ۋەزىپە، باش ئورۇنلاشتۇرما، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ھەر قانداق بىر پارتىيە يېڭىلمەس ئورۇنغا ئېرىشمەكچى بولىدىكەن چوقۇم دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە چىڭ بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىيەتنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك نىشانىمىزغا قەتئىي تەۋرەنمەي يېتىشىمىز كېرەك. ئۇزۇن سەپەردە ئېگىز تاغ-چوققىلاردىن ھالقىدۇق، ئەزىم دەريالاردىن، ئوتلاق، چۆل-باياۋاندىن ئۆتتۇق، لېكىن ھەر بىر مۇساپە، ھەر بىر مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش، ھەر بىر مەيدان كۈرەشتە ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەتنى چىقىش قىلىپ ھەم جەڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردۇق، ھەم ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ ھەم بىر خىل روھ، ھەم بىر خىل ئەقىل-پاراسەت.

  يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، بىز دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھالقىلىق بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىستېمىلىق خېيىم-خەتەردىن مۇداپىئەلىنىپ، ئېغىر كىرىزىستىن ساقلىنىپ، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بىز چوقۇم «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تىرىشىپ ئىشلەپ، باش ۋەزىپىنى تاماملاشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. تەرەققىيات جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز چوقۇم ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكلىرىنى تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك ماددىي ئاساسقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ئىسلاھات ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تەدبىر، بىز چوقۇم ئىسلاھات بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيەۋى قاراشتىكى چەكلىمىلەردىن قەتئىي بۆسۈپ ئۆتۈپ، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە دەخلى قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي سۈپۈرۈپ تاشلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. بىز چوقۇم ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى، شۇنداقلا باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى باشتىن-ئاخىر ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز، ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  − ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، بىز چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسى بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، خەلق ئارمىيەسى ئىنقىلابنىڭ تايانچىسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىشى خەلق ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسىنى چېنىقتۇردى، ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسىنى تاۋلىدى، ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسىنى يېتىشتۈردى، ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىيات يېڭى پەللىسىنى ئېچىپ بەردى. ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسىنىڭ شان-شەرىپى، شەرەپلىك خەلق ئارمىيەسى چوقۇم قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئۇلۇغ روھىغا ۋە ئېسىل ئىستىلىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك.

  يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، بىز چوقۇم پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى تىرىشىپ قۇرۇشىمىز كېرەك.

  دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك، ئارمىيە قۇدرەت تاپسا دۆلەت ئاندىن بىخەتەر بولىدۇ. سىياسىي جەھەتتە ئارمىيە قۇرۇشنى قەتئىي بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ماھىيىتى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، مەڭگۈ قىزىل ئارمىيەنىڭ ۋارىسلىرى بولۇپ، ۋىجدانلىق، قابىلىيەتلىك، جىگەرلىك، ئەخلاقلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ئارمىيەنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، پولاتتەك ئېتىقادقا، پولاتتەك ئەقىدىگە، پولاتتەك ئىنتىزامغا، پولاتتەك جاسارەتكە ئىگە كامالەتكە يەتكەن ئارمىيەنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىسلاھاتىنى قەتئىي بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرغان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇلار، قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەر ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئارمىيەنى تەشكىللەش شەكلىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشنى قەتئىي بوشاشتۇرماسلىقنى چىڭ تۇتۇپ، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار كۈرىشى تەييارلىقلىرىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلاشقان ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، كۆپ ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرۇلما، چوڭقۇر تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. خەلقئارا ھەربىي خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغا ماس كېلىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى پائال ئادا قىلىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيا خاراكتېرلىك خەۋپسىزلىك خىرىسلىرىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن ئارمىيە كۈلپەت ئېڭى، كىرىزىس ئېڭى، بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك روھى بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  − ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، چوقۇم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، پارتىيە رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. يولداش ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: «كىم ئۇزۇن سەپەرنى غەلىبىگە ئېرىشتۈردى؟ كومپارتىيە. كومپارتىيە بولمىسا، بۇنداق ئۇزۇن سەپەرنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى، كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدۇ». جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى، ئۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، ئۇنىڭدا چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوغداپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەيدانىدا ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، پارتىيە تاپشۇرغان مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئورۇندىشى، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق خەلق بىلەن مەڭگۈ بىللە بولۇپ، مەڭگۈ دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.

  «ئۆزىنى بىلگەن باتۇر، ئۆزىنى يەڭگەنلەر ئەزىمەت». مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسىغا قانچىكى يېقىنلاشقانسېرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋەزىپىسى قانچىكى ئېغىرلاشقانسېرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى شۇنچە كۈچەيتىشىمىز كېرەك. تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئۇنتۇماسلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ يولى. پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن «تۆت چوڭ سىناق»، «تۆت خەۋپ» ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، كەسكىن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا ۋە ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ ئىگىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاشنى، ئۆز ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش بىز يېڭى دەۋر شارائىتىدا دۇچ كەلگەن چوڭ تېما. ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى پارتىيە ۋە خەلق غايەت زور بەدەل تۆلەپ، ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك روھىي بايلىق، بىز ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى پارتىيە، دۆلەت، خەلق، ئارمىيە، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىشىدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  يولداشلار!

  ئۇزۇن سەپەر غەلىبە قىلغان 80 يىلدىن بۇيان پارتىيەمىز مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، كەينى-كەينىدىن ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ سەپەرلەرنى تاماملاپ، دۇنيادىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى كەينى-كەينىدىن قولغا كەلتۈردى.

  ھازىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىخنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىخنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار. بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھازىرقى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە بارىدىغان يولنى ئېچىشىمىز كېرەك.

  ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، ئەمدى باتۇرلۇق، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتىمىز. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلارنى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپىلەرنى ئاچايلى، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر