باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2016.10.24 15:39   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

  قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭ «خەلق سارىيى» دا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى 21-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ «خەلق سارىيى» دا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ تۇرىدۇ، غايىگە يېتىش ئۈچۈن، بىز بېكىتكەن يولنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. ھەر بىر ئەۋلاد كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ، ھەر بىر ئەۋلاد ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى بېسىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن سەپىرى «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇزۇن سەپەر مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. مەيلى ئىشلىرىمىز تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يەتكەن، قانچىلىك چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولايلى، بىز ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا داۋاملىق باتۇرانە ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  «خەلق سارىيى» نىڭ چوڭ يىغىن زالى دەبدەبىلىك تۈسكە ھەم قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە «قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى» دېگەن يىغىن بەلگىسى ئېسىلغان، سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە گېربى ۋە «1936-2016» دېگەن خەت يېزىلغان، ئون قىزىل بايراق ئىككىگە ئايرىلىپ، سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قويۇلغانىدى. يىغىن زالىنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى پەشتىقىغا: «يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ھەم ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ماڭايلى! » دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، لى كېچياڭ چوڭ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. كۆپچىلىك ئورنىدىن تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا، شۇنىڭدەك پارتىيەدىكىلەر، ئارمىيەدىكىلەر ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن قىزىل ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ بۇ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغان يولداش ماۋزېدۇڭ، جۇ ئېنلەي، جۇ دې قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارغا، ئۇزۇن سەپەردە قان كېچىپ كۈرەش قىلغان ھەم جايلاردا ئىنقىلابىي كۈرەشنى بوشاشماي قانات يايدۇرغان قىزىل ئارمىيەنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرىگە، ئەينى يىللاردا قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى قوللىغان ھەر مىللەت خەلققە، بولۇپمۇ ھەر قايسى ئىنقىلابىي بازىدىكى خەلققە، ھايات پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ كۆپچىلىكنى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۇزۇن سەپەردە ھەم جايلاردىكى ئىنقىلابىي كۈرەشلەردە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: 1934-يىلى 10-ئايدىن 1936-يىلى 10-ئايغىچە، قىزىل ئارمىيەنىڭ 1 - ، 2 -، 4-يۆنىلىش ئارمىيەسى ۋە 25-ئارمىيەسى ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەرنى باشتىن كەچۈردى. پارتىيەمىز قىزىل ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئاجايىپ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن كۈرمىڭلىغان جاپا-مۇشەققەت ۋە خەتەرنى يېڭىپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان، تارىخنىڭ شانلىق سەھىپىسىگە پۈتۈلگەن ئۇزۇن سەپەرنى غەلىبىلىك تاماملاپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيەنى يوقىتىش سۇيىقەستىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغانلىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، شىمالغا ئاتلىنىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بويىچە ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقتىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىدىكى ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان بۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەت −− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيە پۈتكەن سەلتەنەتلىك داستان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى سەلتەنەتلىك ئابىدە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تارىختىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 80 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتكە نەزەر سالساق، ئۇزۇن سەپەرنىڭ پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، ئارمىيەمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىنتايىن ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيمىز. پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا پولاتتەك تاۋلاندى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا قەلبلەردىكى ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئىنقىلابىي ئېتىقاد باشتىن-ئاخىر مۇستەھكەم ئەقىدە بولدى، باشتىن-ئاخىر پارلاق نۇر چېچىپ تۇردى. ئۇزۇن سەپەر بىر قېتىملىق ھەقىقەتنى سىنايدىغان ئۇلۇغ سەپەر. ھەقىقەت پەقەت ئەمەلىيەت داۋامىدا سىنىلىدۇ، ھەقىقەت پەقەت ئەمەلىيەت داۋامىدا تۇرغۇزۇلىدۇ. ئۇزۇن سەپەر ئارقىلىق پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە ئاجىزلاشمىدى ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيدى، چۈنكى پارتىيەمىز جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ توغرا يولىنى تاپتى، بۇ يولغا يېتەكلەيدىغان توغرا نەزەرىيەنى تاپتى. ئۇزۇن سەپەر خەلقنى ئويغاتقان ئۇلۇغ سەپەر. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنىڭ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ چېچەكلىشى كېرەكلىكىنى، خەلققە يېقىندىن تايىنىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئۇزۇن سەپەر يېڭى ۋەزىيەت ياراتقان بىر قېتىملىق ئۇلۇغ سەپەر. مۇشۇنداق زور داۋالغۇش بولۇۋاتقان پەيتتە، پارتىيەمىز تەڭداشسىز ئۇلۇغۋار ئەمەلىيەت روھى ۋە قەتئىي تىز پۈكمەس ئۇلۇغۋار ئىجادىيەت روھىنى نامايان قىلىپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىپ، غەلىبىگە يۈرۈش قىلىدىغان ئىنقىلاب يولىنى تاپتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن جاپادا چېنىقىش كېرەك». ئۇزۇن سەپەرنىڭ ۋاقتى ئۇزاق، كۆلىمى چوڭ، مۇساپىسى ئۇزۇن، مۇھىتى خەتەرلىك، جەڭلەر شىددەتلىك بولدى، جۇڭگو تارىخىدا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بولۇپ، بۇنداق سەپەر دۇنيا ئۇرۇش تارىخى، ھەتتا ئىنسانلار مەدەنىيەت تارىخىدىمۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. قىزىل ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى دۇنيانىڭ ھەربىي تارىخىدا ھەيۋەتلىك ئۇرۇش كۆرىكىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا تاغنى تالقان قىلىدىغان مۆجىزىنى ياراتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇزۇن سەپەر ئىنسانلار تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزە بولۇپ، بىزگە ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇردى، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە قىزىل ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن ئاپىرىدە قىلغان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىدىن ئىبارەت. ئادەمدە روھ بولمىسا تىك تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ. روھ بىر مىللەتنىڭ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان مەنىۋى كۈچ بولۇپ، روھ بەلگىلىك يۈكسەكلىككە يەتكەندە، شۇ مىللەت ئاندىن تارىخ ئېقىنىدا غۇلىماي مەزمۇت تۇرالايدۇ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قىزىل گېنى ۋە روھىيەت نەسەبنامىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قېنى ۋە روھىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن، ئۇ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مول ئوزۇقىغا، جۇڭگو خەلقىنى قىيىنچىلىقلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىگە ئىلھاملاندۇرىدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك غايە-ئېتىقاد ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچىسى، نەزەرىيە ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسى، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. چوقۇم خەلقنى قەلبىمىزدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ھەممىدە خەلق ئۈچۈن بولۇش، ھەممىدە خەلققە تايىنىش، خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. چوقۇم نىشاننى ئىگىلەپ، ئومۇملۇقنى ئىدارە قىلىپ، ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، باش ۋەزىپە، باش ئورۇنلاشتۇرما، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. چوقۇم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش بىز يېڭى دەۋر شارائىتىدا دۇچ كەلگەن چوڭ تېما. ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى پارتىيە ۋە خەلق غايەت زور بەدەل تۆلەپ، ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك روھىي بايلىق، بىز ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى پارتىيە، دۆلەت، خەلق، ئارمىيە، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىشىدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئۇزۇن سەپەر غەلىبە قىلغان 80 يىلدىن بۇيان پارتىيەمىز مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، كەينى-كەينىدىن ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ سەپەرلەرنى تاماملاپ، دۇنيادىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى كەينى-كەينىدىن قولغا كەلتۈردى. بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھازىرقى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە بارىدىغان يولنى ئېچىشىمىز كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلارنى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپىلەرنى ئاچايلى، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى!

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىنقىلابىي ھەرىكەت، دەبدەبىلىك داستان، سەلتەنەتلىك ئابىدە بولغان قىزىل ئارمىيەنىڭ 80 يىل ئالدىدىكى ئۇزۇن سەپىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇزۇن سەپەرنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەنىۋى مەزمۇنىنى يەكۈنلەپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى مېڭىش توغرىسىدا ئالتە جەھەتتىكى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈش كېرەك. ئۇزۇن سەپەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى؛ ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش يېڭى دەۋردە پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەممىمىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ماھىر بولۇپ ۋە ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىپ، تېخىمۇ جەڭگىۋار كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ ئاكتىپ ئۈنۈم بېرىدىغان تەدبىر ئارقىلىق يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى مېڭىپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  چوڭ يىغىن ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ئىچىدە ئاياغلاشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، مەركەزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي، ئامما خىزمىتىگە مەسئۇل ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە، گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم كوماندىر-جەڭچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 3000دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتى…
    ·شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە 3000 نەپەر كادىر تاللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا چۈشۈپ ئوقۇتۇشنى قوللاش…
    ·ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار …
    ·2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى …
    ·ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئەنگلىيە يەنىلا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ دەسلەپكى تاللىشى بو…
    ·2017- يىلى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى ئېلىنىپ، دۆلەت باج  سىستېمىسىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى …
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەم…
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى…
    ·«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەزەلدىن مەملىكەتلىك 100 كۈچلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلارنى باھالاش ۋە …