باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىنلاندىيەدىكى جۇڭگولۇق كۆچمەنلەر ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە 4- ئورۇندا تۇرىدۇ

2016.10.27 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىنلاندىيە ئىستاتىستىكا مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، فىنلاندىيەنىڭ نوپۇسى 5 مىليون 500 مىڭلىق چوڭ ئۆتكەلدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، 5 مىليون 501 مىڭ 43 ئادەمگە يەتكەن.

  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-، 70- يىللىرىدا نۇرغۇن كىشى شىۋېتسىيەگە كۆچۈپ كەتكەنلىكتىن، فىنلاندىيەنىڭ نوپۇسىدا تۆۋەنلەپ كېتىش يۈز بەرگەن، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئاستا-ئاستا كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن.

  يېقىندىن بۇيان، كۆچمەنلەرنىڭ كۆپلەپ كۆچۈپ كىرىشى بىلەن، فىنلاندىيە نوپۇسى بارغانسېرى ئېشىشقا باشلىغان.فىنلاندىيەدىكى چەت ئەللىكلەر ئارىسىدا، ئېستونلار، رۇسلار ۋە شۋېدلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، جۇڭگولۇق كۆچمەنلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %4 كە يېتىپ، 4- ئورۇندا تۇرىدۇ، شۋېدلار ئۇنىڭدىن سەل ئارقىدا تۇرىدۇ.

  يېقىنقى 100 يىلدىن بېرى، فىنلاندىيەدە ئادەملەرنىڭ ياشاش ئۆمرى، تويلىشىش ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقادى، كەسىپ تاللىشى قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى، لېكىن، مارىيە (Maria) ۋە جوخاننىېس (Johannes) دېگەن ئىسىمنى قوللىنىدىغانلارنىڭ قىزغىنلىقى ئۆزگەرمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر