باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى(1)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

2016.10.28 15:31   مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى(1)

  ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى» ۋە «ج ك پ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، شى جىنپىڭ «مىزان (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» ۋە «نىزام (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» بويىچە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.

  ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ج ك پ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنى 2017- يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

  (2016- يىل 10- ئاينىڭ 27- كۈنى ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنى 2016- يىل 10- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 197 كىشى، مەركىزىي كومىتېت كاندىدات ئەزالىرىدىن 151 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى ئاساسىي قاتلامدىكى قىسمەن يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى» ۋە «ج ك پ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ «مىزان (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» ۋە «نىزام (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» بويىچە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.

  ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت جەريانىدىكى تەلەپلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، جاپاغا چىداپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور قەدەم تاشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش ۋە تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلىنى مەركەزلىك رەتكە سېلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2017-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ
    ·2017- يىللىق مەمۇرلار ئىمتىھانىغا 1 مىليون 300مىڭدىن ئارتۇق كىشى تىزىملاتقان بولۇپ، 27مىڭ ئىش ئورنى…
    ·شىنجاڭدا نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشتە «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتى…
    ·شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە 3000 نەپەر كادىر تاللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا چۈشۈپ ئوقۇتۇشنى قوللاش…
    ·ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار …
    ·2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى …
    ·ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئەنگلىيە يەنىلا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ دەسلەپكى تاللىشى بو…
    ·2017- يىلى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى ئېلىنىپ، دۆلەت باج  سىستېمىسىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى …
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەم…