- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پۇتىن: روسىيە دۇنيانىڭ غوجىسى بولۇشقا ئىنتىلمەيدۇ ھەمدە كېڭەيمىچىلىكمۇ قىلمايدۇ
2016.10.28 15:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە زوڭتوڭى پۇتىن 27-ئۆكتەبىر سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن روسىيە ئاقىللار ئامبىرى ۋالدەي خەلقئارا مۇنازىرە كۇلۇبىدا سۆز قىلىپ، روسىيە دۇنيانىڭ غوجىسى بولۇشقا ئىنتىلمەيدۇ ھەم كېڭەيمىچىلىكمۇ قىلمايدۇ، دېدى.
پۇتىن سۆزىدە روسىيەنىڭ غەربكە قارىتا ھەربىي ئىشلاردا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك گەپ-سۆزلەر توقۇپ چىقىرىلغان، دەپ قارىدى.
پۇتىن، روسىيە ھېچقانداق دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىشنى ئويلىمايدۇ، روسىيەنىڭ ھەربىي تەھدىتىنى مۇھاكىمە قىلىش دەل ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر؛ روسىيە دۇنيانىڭ غوجىسى بولۇشقا ئىنتىلمەيدۇ ھەم كېڭەيمىچىلىكمۇ قىلمايدۇ، روسىيە «ھەممىگە باراۋەر، ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان بىخەتەرلىك» بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر