باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە شەكىلۋازلىق خاھىشىنى تۈزەشنى تەلەپ قىلدى

2016.10.27 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 26-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، قىسمەن رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىدە كۆرۈلگەن شەكىلۋازلىق خاھىشىغا قارىتا، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شەكىلۋازلىق ئىدىيەسىنى يىلتىزىدىن ئۈزۈپ تاشلاپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق قاتارلىق خاھىش، بىخ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى ئىلمىي تەڭشەش كېرەك. نامراتلارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە تۈگىتىشتە كىرىم شۇنداقلا «ئىككىدىن ئەنسىرىمەسلىك، ئۈچتە كاپالەتلىنىش»نى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىش كېرەك. ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تارقىتىپ ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، نامراتلارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە تۈگىتىشنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكى، خاتا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «نامراتلىقنى تۈگىتىش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەپسىلىي قائىدە تۈزۈپ يولغا قويۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇش كېرەك. نامرات ئاھالىلەرنىڭ كۆلىمى، نامراتلىق دەرىجىسى، تەرەققىيات ئاساسى، خىزمەت ۋە مەبلەغ سېلىش سالمىقى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ۋاقىتنى سۈپەتكە بويسۇندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «13- بەش يىللىق» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق لايىھەسىنى ئىلمىي تەڭشەش كېرەك. سۆرەلمىلىك كېسىلى بىلەن ئالدىراقسانلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاتمۇ قات قوشۇپ، رەقەملىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەنئى قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەشتە قارىغۇلارچە شامالغا ئەگىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بايلىق شارائىتى ۋە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش تۈرى تۇرغۇزۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ پىلانىنىڭ يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىدىن چەتنەپ، «بىر پىچاقتا كېسىش»، ھەتتا مەجبۇرلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئارزۇسىنى ھۆرمەتلىمەي، بازار خەۋپىنى ئويلاشماي، ھۆددىگە ئېلىپ، ۋاكالىتەن بېجىرىپ، قارىغۇلارچە تۈر تۇرغۇزۇشتىن؛ پۇل-مال تارقىتىش، سوۋغات بېرىش بىلەن تايىنىش، ئېلىش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ساقلاشتىن؛ سىياسەتتىن بەھرىلىنىش دائىرىسىنى خالىغانچە كېڭەيتىپ، «سۇ باستۇرۇپ سۇغۇرۇش»تەك كونا يولدا مېڭىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر