باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە كالايدىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ بالا مۇساپىرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى

2016.10.27 12:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تاراتقۇ ئەمەلدارى كىمبال تۈنۈگۈن ئەنگلىيەنىڭ مۇشۇ ئايدا كالايدىن كەلگەن 200 بالا مۇساپىرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەنگلىيە تەۋەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، بىراق ئۇ كونكرېت ئورنىنى ئاشكارىلىمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بالىلارغا يەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇپ قارايدۇ ھەمدە ئۇلار ئۇلار ئۈچۈن ئالاھىدە سېلىنغان مەكتەپلەردە تەربىيەلىنىدۇ. كىمبال مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەدە تۇغقىنى بولسۇن بولمىسۇن ئەنگلىيە كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتىدە كالايدىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ بالا مۇساپىرنى قوبۇل قىلىدۇ. كالاي ئىنگلىز بوغۇزىنىڭ ئەڭ تار يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەنگلىيە بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. كالاي مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ كۆلىمىنى تارايتىش، خېيىم خەتىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى كالاي مۇساپىرلار لاگېرىنى تەدرىجىي چېقىپ، مۇساپىرلارنى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر