باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ تەمىناتى ئۆستۈرۈلۈپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تارقىتىلىدۇ

2016.10.26 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونى كەنت كادىرلىرى، يېزىلاردىكى «تۆت پېشقەدەم»لەر ۋە ۋەتەنپەرۋەرلەر دىنىي زاتلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرىدۇ، بۇ يىل ئىيۇلدىن باشلاپ ھېسابلىنىپ، ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە تارقىتىلىپ بولىدۇ. سىياسەت ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، ئالدىنقى ئۈچ ئاينىڭ تەمىناتى تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، كەنت كادىرلىرى، يېزىلاردىكى «تۆت پېشقەدەم»لەر ۋە ۋەتەنپەرۋەرلەر دىنىي زاتلارنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ مۇھىم قارار چىقىرىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم كەنت كادىرلىرى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى مۇدىرلىرىنىڭ ئاساسىي ئىش ھەققى ئۆستۈرۈلىدىكەن؛ پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم نەمۇنىچىلار، ھەربىي سەپتىن قايتقان پېشقەدەم ھەربىيلەر، شۇنداقلا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى تەمىناتى ئۆستۈرۈلىدىكەن.بۇنىڭ ئىچىدە، كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى مۇدىرلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق مائاشى 1851 يۈەندىن 2051 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، 200 يۈەن كۆپىيىدىكەن؛ باشقا كەنت كادىرلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق مائاشى 1137 يۈەندىن 1287 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ 150 يۈەن كۆپىيىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە كەنت كادىرلىرى (جۈملىدىن دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى) 65 مىڭ 378 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى 19 مىڭ 130، كەنت «ئىككى كومىتېت»نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى 46 مىڭ 248 ئىكەن.

  يېزىلاردىكى «تۆت پېشقەدەم»لەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى 120 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىكەن. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى «تۆت پېشقەدەملەر»73 مىڭ 802 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، پېشقەدەم كادىرلار21 مىڭ 725، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى43 مىڭ 597، پېشقەدەم نەمۇنىچىلار 1221، ھەربىي سەپتىن قايتقان پېشقەدەم ھەربىيلەر 7259 ئىكەن.ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى 335 يۈەندىن 435 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، 100 يۈەن كۆپىيىدىكەن. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار 29 مىڭ 455 ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئۆستۈرۈلگەن ئاساسىي ئىش ھەققى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى مەبلىغىنىڭ ھەممىسى ھەر بىر كەنت كادىرلىرى، يېزىلاردىكى «تۆت پېشقەدەم» لەر، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر