باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە بېلىقچىلىق ئىشلىرىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيىتى ھەققىدە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىشنى باشلىدى

2016.10.27 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23-ئۆكتەبىر مەملىكەتلىك بېلىقچىلىق ساھەسىدىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيىتى بىرتۇتاش ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى مەيدان سىناق ئىمتىھانى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، مۇئاۋىن يېزائىگىلىك مىنىستىرى يۇ كاڭجېن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيىتى بىرتۇتاش ئىمتىھانى مەركەزنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، جۇڭگو بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتىنىڭ 60 يىلغا يېقىن تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم تەسىرى كۈچكە ئىگە چوڭ ئىش، بۇ جۇڭگو بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتىنىڭ قوشۇننى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا يېڭى پەللىگە يېتىپ، يېڭى سەھىپە ئاچقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يۈ كاڭجېن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇزۇندىن بېرى جۇڭگو بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتىدە مەركەزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش، تەلەپلىرى ۋە قانۇن بەلگىلىمىلەردە بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتى قانۇن ئىجرا خىزمىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى قوغداش، بېلىقچىلارنىڭ ھاياتى مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بېلىقچىلىقنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر