باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد سودا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى يەنە قىزىپ كەتتى

2016.10.27 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئەن فېڭشەن 26-ئۆكتەبىر قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بېرى ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد سودا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى يەنىلا قىزغىن بولدى، بۇ ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە بەخت سائادىتىگە پايدىلىق.

  ئەن فېڭشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تيەنجىن تەيۋەن مەبلەغ سېلىش يەرمەنكىسى، شەندۇڭ تەيۋەن ئىقتىساد سودا يەرمەنكىسى، جېڭجياڭ تەيۋەن ھەپتىلىكى، جياڭشى تەيۋەن ئىقتىساد سودا مەدەنىيەت ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى، ئەنخۇي تەيۋەن مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى جىپسىلاشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىقلار ئارقا ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى،جۈملىدىن تەيۋەننىڭ سودا سانائەت ئۆمەكلىرى ۋە كارخانا مەسئۇللىرى، ياشلار ۋە ئاساسى قاتلامدىكى ۋەكىللەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر بەس بەستە قاتناشتى ھەمدە نۇرغۇن كونكرېت نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلدى، بۇ ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ داۋاملىق ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ۋە ھەمكارلىشىشقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر