باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قاتارنىڭ سابىق ئەمىرى خەلىفە ئالەمدىن ئۆتتى

2016.10.25 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتار ئەمىر ئوردىسى 23- ئۆكتەبىر، سابىق قاتار ئەمىرى (دۆلەت باشلىقى) خەلىفەنىڭ شۇكۈنى 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  خەلىفە قاتارنىڭ ھازىرقى ئەمىرى تامىمنىڭ بوۋىسى. خەلىفە 1972- يىلىدىن باشلاپ ئەمىر بولغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتا، دۇنيا بويىچە نېفىت باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشى بىلەن، تەبئىي گاز ۋە نېفىتى مول قاتارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

  1995- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى، خەلىفە زىيارەتكە چىقىپ كەتكەن مەزگىلدە، ئوغلى خاماد ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزىۋېلىپ، ئەمىر بولغان، خەلىفە ئامالسىز سەئۇدىي ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ياۋروپا قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ 2004- يىلى دۆلىتىگە قايتىپ ئولتۇراقلىشىشقا رۇخسەت قىلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، خەلىفە ياشانغانلىقتىن ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، قاتاردا ئۈچ كۈن مەملىكەت بويىچە ماتەم تۇتۇش جاكارلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر