خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- ئۆكتەبىر، كىشىلەر ئىراقتىكى موسۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى گەيالا بازىرى مۇساپىرلار لاگىرىدا يېمەكلىك ئېلىۋالماقتا.
ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 17- ئۆكتەبىر موسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىنى رەسمىي باشلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ماسلاشتۇرغۇچىسى گىلاند يېقىندا ئۆز كۆزقارىشىنى بايان قىلىپ، موسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكىتى 2016- يىلدىكى ئەڭ چوڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، موسۇل ئىزچىل تۈردە «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ كونتروللۇقىدا بولغاچقا، ب د ت ئۇدا ئۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى كېرەكلىك ياردەملەر بىلەن تەمىنلىيەلمەي كەلگەن ئىدى. ۋاھالەنكى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرنىڭ دەرىجىسى بەكلا يۇقىرى، نۇرغۇن قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ ئۇ جايلارغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغۇدەك ئىقتىدارى يوق، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى