باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

18- نۆۋەتلىك 6- ئومۇمىي يىغىندا قانداق قىززىق نۇقتىلار دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ؟

2016.10.26 17:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەنىڭ 18- نۆۋەتلىك 6- ئومۇمىي يىغىنى 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى بېكىتكەن ئاساسلىق كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قاتتىق باشقۇرۇشتەك زور مەسىلە تەتقىق قىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ بىر قانچە مىزانى تۈزۈپ چىقىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ 18- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلمىلار چىقىرىلغان ئىدى، 4- ئومۇمىي يىغىنىدا، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى، 5- ئومۇمىي يىغىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش سۇنىيى چېلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان 6- ئومۇمىي يىغىندا يەنە قانداق يارقىن نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلار؟

  بىرىنچى يارقىن نۇقتا: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قاتتىق ئىدارە قىلىش تەتقىق قىلىنىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ

  «سەندەل بولمىسا قاتتىق، تۆمۈرنى قانداق سوققۇلۇق»؟ 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، تەنتەنىلىك ھالدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. 2014- يىلى 12- ئايدا جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە تەكىتلەپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى: «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قاتتىق ئىدارە قىلىشىمىز بولسا، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئۇلۇغۋار ئىنشائاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدىكى مۇقەررەر تەلىپىمىزدۇر.»

  پارتىيەنىڭ 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قاتتىق ئىدارە قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ زور تېمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە مەزكۇر تېمىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دېگەن ئالدىنقى ئۈچ ئومۇمىييۈزلۈك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھازىرقى «تۆت ئومۇميۈزلۈك»نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئائىت زور ئىدىيەنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان 6- ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قاتتىق ئىدارە قىلىشتەك زور مەسىلە تەتقىق قىلىنىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك»نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى تېخىمۇ سىستېمىلىق ھالدا يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگۈسى.

  ئىككىنچى يارقىن نۇقتا: پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

  نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان پارتىيەنىڭ 18- نۆۋەتلىك 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم بىر كۈنتەرتىپى بولسا، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ بىر قانچە مىزانىنى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىبارەت.

  پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش قانداق كۈچەيتىلىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ؟

  27- سېنتەبىر ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا بەزى ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى: يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتا، تۆۋەندىكىدەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ: يەنى، چوقۇم پارتىيە نىزامىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى، ئىدىيىۋى لۇشيەنى, تەشكىلىي لۇشيەنى ۋە ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ, پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرىيلىكى, پرىنسىپاللىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ, پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش, ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاش ۋە ئۆز سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى كۈچەپ قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ، تىرىشقان ھالدا پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزلەشتۈرۈشمۇ بولغان ھەم دېموكراتىيەمۇ بولغان، ئىنتىزاممۇ بولغان ھەم ئەركىنلىكمۇ بولغان, ھەمدە ئىرادە بىرلىكىمۇ بولغان، شەخسلەرنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە جانلىق- تېتىكلىكمۇ بولغان سىياسىي ۋەزىيەت بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ.

  ئۈچىنچى يارقىن نۇقتا: پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىم كۈنتەرتىپى ھېسابلىنىدۇ.

  18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىككە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجادىي يوسۇندىكى بىر قاتار يېڭى ئىستراتېگىيە ۋە يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى، «قۇلىقىنى چىشلەش, يېڭىنى تۈرۈش, يۈزىنى قىزارتىش، تەر چىقىرىش» قاتارلىقلارنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈشتىن باشلاپ، تاكى «ئۆسۈشلا بار، چۈشۈش يوق» بولۇشنى قەتئىي توسۇش ۋە «چاتىقى بارلارنىمۇ ئۆستۈرۈش»تىن ساقلىنىشقا قەدەر، ھەمدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ھەممە جاينى تولۇق تولۇق قاپلاشتىن باشلاپ، تاكى مەركەزنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى يۇقىرىغا يوللاپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ۋاقتىدا «قايتىدىن قاراپ چىقىش»قا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قەدەر بىر قاراپ چىقىدىغان بولساق، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز تۈردە تېزلىتىلدى. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت قىلىش تەدرىجىي ھالدا ئەسلى مەنبەسىدىن باشلاپ تۈزەپ مېڭىشقا ۋە يوشۇرۇن ئاپەتتىن ساقلىنىشقا قاراپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىلگىرىلىدى.

  پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت قىلىشنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟

  بۇ يىل 27- سېنتەبىر ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بېرىلدى. يەنى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت قىلىشنىڭ ۋەزىپىسى: پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە ئىستىلى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ پۈتۈن پارتىيىدە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش؛ ھەمدە پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەرسىز بولۇپ قېلىشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئاجىز بولۇپ قېلىشى, پارتىيە ئېڭىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى, تەشكىلىي جەھەتتە چېچىلاڭغۇ بولۇش ۋە ئىنتىزامنىڭ بوشىشىپ كېتىشى, پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنىڭ بوشىشىپ كېتىشى دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھالدا ھەل قىلىش؛ پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ، يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق ۋە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سادىق، پاك ۋە زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر