باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

14-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى يۈننەنىڭ كۇنمىڭدا ئېچىلىدۇ

2016.10.26 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى 5-نويابىردىن 8-نويابىرغىچە يۈننەننىڭ كۇنمىڭدا ئېچىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بازار ۋە ئىقتىسادىي ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تاڭ خې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە تەمىنلەش ئىسلاھاتى، كەسىپ يۇغۇرۇلمىسى، يېشىل ھەمبەھىرلىك، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىسلاھات باش تېما قىلىنىدۇ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى، يېزا ئىگىلىك ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى، يېزا ئىگىلىك سودىسى سۆھبىتى ئاساسى مەزمۇن قىلىنىدۇ، بازارلىشىش، كەسىپلىشىش، خەلقئارالىشىش، ماركىلىشىش، ئۇچۇرلىشىش تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك سودىسى ۋە ئالماشتۇرۇش سەھنىسى تىرىشىپ بەرپا قىلىنىدۇ. كۆرگەزمىگە 33 ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆمەك، خەلقئارا كۆرگەزمە ئۆمىكى ۋە نامراتلارنى يۆلەش، يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق دورىلىرى، بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق، يەرلىك ئۇسۇلدا زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، گۈل گىياھ ۋە دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى قاتارلىق 11 كەسپى كۆرگەزمە ئۆمىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 45 ئۆمەك قاتنىشىدۇ، شۇ چاغدا 3مىڭغا يېقىن كارخانا ۋە 300مىڭچە كىشى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر