باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رايون كۈچلىرى موسۇلنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى

2016.10.25 14:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-ئۆكتەبىر ئىراق بىرلەشمە ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ موسۇلدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى. بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەردە: تۈركىيەنىڭ ئېغىر توپلىرى ئىراق ئارمىيەسى قايتۇرۇۋالغان موسۇلنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى كاراكۇس بازىرىدىكى يەر يۈزى ھەرىكىتىگە ئوت كۈچى ئارقىلىق ياردەم بەردى دېيىلدى. بۇ خەۋەر تۈركىيە زۇڭلىسى يىلدىرىم تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى. يىلدىرىم: تۈركىيە قوراللىق قىسمىنىڭ توپچىلار قىسمى «كۇرت تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن جەڭگە قاتناشقان» دېدى، لېكىن بۇ كۆز قاراشنى كۇرت قوراللىقلىرى ئىنكار قىلدى. 17-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىراق ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراقتىكى چوڭ لاگېرى موسۇلغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، ئىراق بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشقان قاتناشمىغانلىقى ھەققىدىكى بەس مۇنازىرە ئۈزۈلمەي كەلدى. ئۇندىن باشقا، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: موسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، تۈركىيە ئارمىيەسى موسۇلدا ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ 17 ئەزاسىنى يوقاتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر