باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نەيىم ياسىن پاكىستانلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ

2016.10.26 15:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى پاكىستان ئىلاھىيەت جەمئىيىتى(فارۇز مەزھىپى)نىڭ باش كاتىپى، پاكىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا غەفۇر ھەيدېل باشچىلىقىدىكى پاكىستان سىياسىي پارتىيە بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  نەيىم ياسىن ئابدۇللا غەفۇر ھەيدېل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو - پاكىستان يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى. پاكىستان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن چېگراداش، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم دۆلەت، ھازىر جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن پاكىستاننىڭ ھەمكارلىقى ئىقتىساد - سودا، قاتناش، تېببىي داۋالاش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەگە چېتىلىدۇ. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن دەۋرگە قەدەم قويدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلماقتا. جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرمەكتە، بىز پاكىستان بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايمىز، پاكىستاندىكى كارخانىلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.

  ئابدۇللا غەفۇر ھەيدېل مۇنداق دېدى: ھازىر، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پاكىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ماسلاشتۇرۇشنى ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇ، پاكىستاننىڭ دۆلەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تارىخىي پۇرسەت، شۇنداقلا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق بىزنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ئاساس سېلىندى، بىز جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىشنى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمىز، جۇڭگو شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ پاكىستانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمىز. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر