باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەمەتجان ئۆمەر:

ئەتىمىز بۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ

2016.10.26 15:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەمەتجان ئۆمەر 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ماڭا: «بۈگۈنىمىز ناھايىتى گۈزەل، ئەتىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ»، دېدى.

  مەمەتجان ئۆمەر غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار يېزىسى بۇلۇكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن بۇلۇكەي كەنتى «نامرات، قەرزدار، ئەرزخور كەنت» دېگەن نامدىن قۇتۇلۇپ، ھازىر ئىلى ئوبلاستىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كەنتكە، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك كەنتكە ۋە ئېكولوگىيەلىك كەنتكە، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق كەنتكە، مەدەنىي كەنتكە ئايلاندى.

  بۇلۇكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىشقا يېتەكلەش چارىسى تىلغا ئېلىنغاندا، مەمەتجان يىغىنچاقلاپ: كەنتتىكىلەرنىڭ نېمە ئىشقا ئېپى بولسا، كەنت كادىرلىرى ئۇلارنىڭ شۇ ئىشنى يۈرەكلىك، قاملاشتۇرۇپ قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردۇق، دېدى.

  بۇلۇكەي كەنتىدىكىلەر باقمىچىلىق ئەنئەنىسىگە ئىگە، شۇڭا باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش بۇ كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى ئاساسلىق يولى بولۇپ قالدى: باقمىچىلىق مەھەللىسى قۇرۇشتا باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى باقمىچىلىق كىچىك ئائىلىلىرىگە، باقمىچىلىق مەھەللىلىرى نامرات ئائىلىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، كۆپچىلىك ئورتاق بېيىدى. بۇ يىل بۇ كەنت ئەسلىدىكى 11 قوتان ئاساسىدا يېڭىدىن يەنە سەككىز قوتان سالدى، بورداق قوي 4000 تۇياققا كۆپەيدى. بەش يىل ئىلگىرى كەنتتە 71 نامرات ئائىلە بار ئىدى، بۇ يىلنىڭ بېشىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان سەككىز ئائىلە ھازىر باقمىچىلىق مەھەللىسىدە ئېيىغا 2000 يۈەن ئىش ھەققى بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ، «يىلنىڭ ئاخىرى بۇلۇكەي كەنتى نامرات ئاھالىلەر يوق كەنتكە ئايلىنىدۇ»، دېدى مەمەتجان.

  مەمەتجان بۇلۇكەي كەنتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: 1980 - يىللىرى مەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ نەچچە يىل ئىچىدە قارا يامغۇر ياغسىلا، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە كەنتنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەريانىڭ ئەتراپىدىكى كەنت، مەھەللىلەرگە بېرىپ: كەلكۈن كەلدى، تېز قېچىڭلار! دەپ ئۆيمۇ ئۆي توۋلايتتۇق. كېيىن دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى ياساشقا مەبلەغ بەردى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۈچ كۈندە ئالتە قېتىم كەلكۈن كەلگەن بولسىمۇ، دەريانىڭ ئەتراپىدىكى كەنتلەر ھېچقانداق خەۋپكە ئۇچرىمىدى.

  بۇلتۇر كوچا يوللىرىغا ئاسفالت ياتقۇزۇلدى، بۇ يىل ئاسفالت يول يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، مەمەتجان بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە ئاسفالت يول ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىشىكى ئالدىنى ئاسفالتلاشتۇرۇشنى پىلانلىغانىدى، ھازىر كەنت بويىچە ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىلا قالغان بولۇپ، «بۇنى كېلەر يىلى پۈتكۈزىمىز»، دېدى مەمەتجان كۈلۈپ تۇرۇپ.

  بەش يىل ئىلگىرى بۇلۇكەي كەنتىدىكى ئاسفالت يول ئاران 1.5 كىلومېتىر ئىدى، ھازىر 50 نەچچە كىلومېتىرغا يەتتى؛ بەش يىل ئىلگىرى كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 8000 يۈەندىن كۆپرەك ئىدى، ھازىر 13 مىڭ يۈەندىن ئاشتى؛ بەش يىل ئىلگىرى كەنتتە كۆركەم، چىرايلىق ئۆيلەر ناھايىتى ئاز ئىدى، ھازىر مەكتەپ، يەسلى، داۋالاش ئۆيى قاتارلىقلار يېڭىدىن كۆركەم قىلىپ سېلىندى، كەنتتىكى 1509 ئائىلىنىڭ 1120 سى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى. مەمەتجانمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى بىلەن مەملىكەت بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، 2015 - يىلى «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس»، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىل نامزاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەمەتجان زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئېغىر يۈكنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى، بۇلۇكەي كەنتىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا ئۇنىڭ كۆڭلىدە سان بار: باقمىچىلىق مەھەللىسىدىكى بورداق چارۋىنى 800 مىڭ تۇياققا؛ 3000 مو باغنىڭ مو بېشى كىرىمىنى 7000 يۈەندىن كۆپرەككە؛ 2020 - يىلىغا بارغاندا كىشى بېشى ساپ كىرىمنى 20 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزمەكچى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر