باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ،تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەڭ مۇھىم ئويلىشىدىغان ئىش، دېدى

2016.10.25 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 24-ئۆكتەبىر، مۇخبىرنىڭ سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى بۇلاپ كەتكەن بېلىقچىلىق كېمىسى ۋەقەسىنى تۆت يېرىم يىلدىن كېيىن ئاندىن بىر تەرەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەڭ مۇھىم ئويلىشىدىغان ئىش بولغاچقا، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ھەم قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى.

  لۇ كاڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئەزەلدىن ئاسان ئىش ئەمەس. لېكىن قانچىلىك قىيىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى قانچىلىك سەۋر قىلىشقا توغرى كەلسۇن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرادىسى بار، قېرىنداشلىرىمىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىش ئىمكانىيىتى بار.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر