باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىق دىلولىرىدىن 1874ى پاش قىلىندى

2016.10.25 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە جەمئىي 6676 قېتىملىق تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا دېلو تۇرغۇزۇلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 200 مىليون يۈەندىن ئاشقان، 1874 دېلو پاش قىلىنغان، 247 نەپەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 44 جىنايەت شايكىسى بىتچىت قىلىنغان، 21 ئالدامچىلىق ئۇۋىسى يوقىتىلغان، دېلوغا چېتىشلىق 891 تال بانكا كارتىسى، 15684 تال تانفون كارتىسى يىغىۋېلىنغان، زاڭ مال ھېسابىدا يىغىۋېلىنغان ھارام پۇل ۋە ھارام مالنىڭ قىممىتى ئالتە مىليون 60 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئاممىنىڭ 39 مىليون 470 مىڭ يۈەن زىيىنى ساقلاپ قېلىنغان.

  توردىكى قانۇنغا خىلاپ يېڭى تىپتىكى جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش-تۈزەش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىدە، شىنجاڭدا ج خ بىلەن بانكا، ج خ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىپ، ئورتاق زەربە بېرىپ، ئورتاق ساقلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىرغا قەدەر، بانكا تارماقلىرى 182 قېتىملىق تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قالدى، ۋەقەگە چېتىلغان سومما ئالتە مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئاشتى؛ ج خ تارماقلىرىغا ياردەملىشىپ 207 تال بانكا كارتىسى توڭلىتىلدى، ۋەقەگە چېتىشلىق سومما 32 مىليون 570 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدە ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەركىزى قۇرۇلدى. ھازىرغا قەدەر، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى ھەر قايسى جايلاردىكى دېلولارغا چېتىشلىق بانكا ھېسابات نومۇرىدىن 600دىن كۆپرەكنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىپ، تۆت مىليون 700 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى ۋاقتىدا تۆلەشتىن توسۇپ توڭلىتىپ قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر