باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تېلېفون ۋە تېلېگراف شىركىتى دەۋر ۋارنېر شىركىتىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

2016.10.24 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- ئۆكتەبىر، ئامېرىكا تېلېگراف تىجارەت كارخانىسى- ئامېرىكا تېلېفون ۋە تېلېگراف (AT&T) شىركىتى 85 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا دەۋر ۋارنېر شىركىتىنى سېتىۋالىدىغانىقىنى ئېلان قىلدى.

  بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىشتا نەق پۇلغا پاي قوشۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ھەر بىر پاي 107.50 ئامېرىكا دوللىرى بولىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن دەۋر ۋارنېر شىركىتىنىڭ 21- ئۆكتەبىردىكى پاي چېكى پاي بازىرىنىڭ ئاخىرقى باھاسىدىن %20 ئاشتى.

  شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىنىشىچە، AT&T شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى رانداو ستىفەسېن (Randall Stephenson) مۇنداق دېدى: ئەۋزەللىكتە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان بۇ ئىككى شىركەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر قېتىملىق مۇكەممەل سېتىۋېلىش ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر